باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
بۇ يىل ئاي توقاچ ئىستېمالى نورمال بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-07 16:05:47

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يەنە بىر تاۋۇز چاغىنى يېتىپ كەلدى. ئۇنداقتا ئومۇمنىڭ پۇلىغا ئاي توقاچ ئېلىش، ھەشەمەتلىك ئاي توقاچ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللار توسۇلدىمۇ؟ مۇخبىر نەنجىڭ، شېنياڭ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئاي توقاچ سېتىۋېلىش شامىلىنىڭ پەسەيگەنلىكى، باشقا يىللاردا بازارغا توشۇپ كەتكەن ھەشەمەتلىك ئاي توقاچلارنىڭ ئازايغانلىقى، مۇقىم باھالىق ئاي توقاچلارنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقى، ئاي توقاچ ئىستېمالىنىڭ نورمال يولغا قايتىپ كېلىپ، بايرام ئۆتكۈزۈش كەيپىياتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى، لېكىن ئاي توقاچ بېلىتى ئارقىلىق توردا سودا قىلىشنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ناتوغرا ئىستىلغا يوچۇق قالدۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇش كېرەكلىكىنى بايقىدى.

مۇخبىر چېڭدۇدىكى بىر نەچچە سودا سارىيى، تاللا بازىرىدا، ھەشەمەتلىك ئاي توقاچنىڭ ئاساسەن يوقلىقى، ئەرزان باھالىق سوۋغات قۇتىلىرى ۋە پارچە سېتىشنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقى، ئاددىي، ئاممىباب بولغانلىقىنى بايقىدى.

مۇخبىر شېنياڭدا نۇرغۇن مېھمانسارايلارنىڭ ئېتىبار باھالىق ئاي توقاچلارنى كوللېكتىپ سېتىۋالغانلىقىنى بايقىدى. بىر ئالىي مېھمانسارايدا، ئاي توقاچ باھاسى قايتا-قايتا چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنى كۆپ ئادەم سۈرۈشتۈرمىدى. مال ساتقۇچى بۇرۇن نۇرغۇن ئورگانلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى كوللېكتىپ سېتىۋالاتتى، بۇ يىل ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئاي توقاچنى كوللېكتىپ سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمىدى دېدى.

ئىستىل كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، بىراق ناتوغرا ئىستىلمۇ پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتمىدى. مۇخبىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى پاش قىلىش كۆزنىكىدىن توردا ئومۇمنىڭ پۇلىغا سوۋغات ئېلىشنىڭ پاش قىلىش مۇھىم نۇقتىسى بولغانلىقى، مەسىلەن، ئۈندىداردا ئاي توقاچ سوۋغا قىلىش، يانفون ئىككى ئۆلچەملىك كودىدا سېتىۋېلىش كارتىسى سوۋغات قىلىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق