باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
جۇڭگو-قازاقىستان مۇتەخەسسىسلىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىش ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-07 16:52:22

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
      يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى ۋە قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ فوند جەمئىيىتى، نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق يۇقۇرى قاتلام ئاقىللار ئامبىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر 7-سىنتەبىر شاڭخەيدە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش جۇڭگو-قازاقىستان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا شۇنىڭدەك يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى ۋە قېلىپىنى مۇھاكىمە قىلدى.
     يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشتە تېخىمۇ كەڭ تەپەككۇر بولۇشى كېرەك، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىقتا بىربىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ، نۆۋەتتە ھەمكارلىق قېلىپى، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق كەسىپنى ئۇلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ گۈللەپ روناق تاپقان ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈر.
     قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى بۇلات سۇلتانوف مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سالغان ھالدا چىقىرىلغان ھەرىكەت قىبلىنامىسى، بىز ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بۇنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرىشىمىز كېرەك. قازاقىستان تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ فوند جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى سېرگىي مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو قازاقىستانغا سالغان مەبلەغ ئاساسلىقى ئېنرگىيە، يېنىك سانائەت، يىمەك-ئىچمەككە مەركەزلەشكەن، ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىشتا يەنە ناھايىتى زور بوشلۇق بار، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى تېخى تولۇق جارىي قىلدۇرۇلمىدى، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ.   

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق