باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسى تاللاپ چىقىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-08 09:47:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

 مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن نۇر گېزىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2014-يىللىق «ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسىنى ئىزدەش» چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيىتى ئاياغلىشاي دەپ قالدى. ئۇدا بىر نەچچە يىل ئىزدەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۈن تېنسىز ئىشلەۋاتقان يېزا ئوقۇتقۇچىسى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇ يىلقى «ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسىنى ئىزدەش» چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيىتىدە «جۇڭگو ئازرۇسى» باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا 10 نەپەر «ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسى» ۋە 10 نەپەر «ئالاھىدە دىققەتنى تارتقان يېزا ئوقۇتقۇچىسى» تاللاپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پائالىيەتتە مائارىپقا مەدەت بېرىش كوللېكتىۋى مۇكاپاتى تەسىس قىلىنىپ، پىدائىيلىق بىلەن مائارىپقا ئاكتىپ مەدەت بېرىۋاتقان ستۇدېنتلار كوللېكتىۋى تەقدىرلەندى.

پائالىيەت ئىيۇلدا باشلانغاندىن بۇيان، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، نۇر گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ۋە مۇخبىرلىرى يېزا كەنتلەرگە بېرىپ، ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىزدىدى. خۇددى مېھرى مۇھەببەت يەتكۈزگەنگە ئوخشاش، مېھرى مۇھەببەتنى ئەڭ سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ،  ئۇلارنىڭ تەسىرلىك كەچۈرمىشلىرىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغۇزدى.

 نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە 8 مىليوندىن كۆپرەك يېزا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ھەر يىلى %80 كە يېقىن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار يېزا كەنت مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۆت يىلدىن بۇيان،«ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسىنى ئىزدەش» چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيىتىدە 30 نەچچە «ئەڭ گۈزەل  يېزا ئوقۇتقۇچىسى» ۋە كوللېكتىپ، 70 نەچچە «ئالاھىدە دىققەتنى تارتقان يېزا ئوقۇتقۇچىسى» ھەمدە نۇرغۇن يېزا مەكتەپلىرىگە مەبلەغ، ماددىي ئەشيا ۋە مەدەت بېرىلىپ، بىر تۈركۈم كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە يولۇققان  قېيىنچىلىقلىرىنى ھەقىقى ھەل قىلىندى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق