باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
لى كېچياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ ۋىكرېمېسىڭخېنىڭ سرىلانكىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-22 09:56:47

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 21-ئاۋغۇست رانىل ۋىكرېمېسىڭخېغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ سىرىلانكا دېموكراتىك سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتنىڭ يېڭى زوڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سىرىلانكا ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن دوستلار، شېرىكلەر . يېقىنقى يىلاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت سەمىمىي ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان ، ئەۋلاددىن ئەۋلاد دوست ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقى بەخت سائادەت ياراتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى سىرىلانكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. سىرىلانكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق