باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
يۈ جېڭشېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-22 09:57:46

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ،جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى، دېھقانلار ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ۋادا ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، قوغداش ئۈستىدە تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى.

يۈ جېڭشېڭ قىسمەن مەسىلىلەردە كۆپچىلىك بىلەن ئۆز ئارا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسى ۋە خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يارقىن نۇقتا. بۇ يىل 4-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تىز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرنى چىقاردى. مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ۋە ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ماسلاشقان ئەبەدىي سىجىل تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇلۇپ بولىدىغان ھەل قىلغۇچ مەزگىل، شۇنداقلا ئىككى يۈز يىللىق نىشاننى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۇل مەزگىلى. بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا ئېنىق نىشاننى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم. ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەشكىلىي بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقات كۈچىنى يەنىمۇ تەرتىپكە سېلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا يەنىمۇ چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئېنىق چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئەقلى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق