باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ليۇ چىباۋ: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تەتقىقاتىنى چوڭقۇر سىستېمىلىق قانات يايدۇرۇش لازىم
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-22 09:58:35

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتنى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ 21-ئاۋغۇست جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنى رىياسەتلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ 25- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ۋەزىپە تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ،ئومۇمىي پىلاننى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تەتقىقاتىنى بىر تۈرلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش لازىم.

ليۇ چىباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۆزى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئۇلۇغ جەريانىنى ئەسلەپ، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىگە زور تۆھپە قوشقانلىقىنى بايان قىلىش؛ ئۆتۈپ كەتكەن تارىخ مۇساپىسىدىن تەجرىبە ساۋاق ئېلىپ، كىشىلەرنى تارىخنى ئەستە ساقلاش، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى سەمىگە سېلىپ ۋە تەربىيىلەپ، تىنچلىقنى قەدىرلەش،كېلەچەكنى يارىتىش. باشتىن ئاخىر توغرا تارىخىي قاراش يېتەكچىلىكىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ماھىيەت ۋە ھادىسە، ئاساسىي ئېقىم ۋە تارماق ئېقىمنى تونۇپ، تارىخنى ئۆزى سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغىش رەتلەشكە كۈچ چىقىرىپ، تارىخىي ماتېرىياللار ، جانلىق تارىخىي ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، توغرا تارىخىي تونۇشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تارىخىي تونۇش ۋە نىشاننى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق