باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەركەز ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مىليارد 316 مىليون يۈەن ئاجراتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-22 09:59:29

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى مەركەز مالىيىسى يۆتكەپ چىقىم قىلىش مەبلىغىدىن 5 مىليارد 316 مىليون يۈەننى ئاجرىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتقان.

بۇ يىل مەركەز مالىيىسى ئاجراتقان مەبلەغ ئىچىدە موزىي، خاتىرە سارىيىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش مەخسۇس مەبلىغى 236 مىليون يۈەن، ئاممىۋى تەنتەربىيە سارايلىرىنى ھەقسىز تۆۋەن ھەق بىلەن ئېچىۋېتىش تولۇقلىما مەبلىغى102 مىليون يۈەن، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مەخسۇس مەبلىغى 960 مىليون يۈەن، مەركەزنىڭ رادىئو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سىمسىز قاپلاش مەخسۇس مەبلىغى98 مىليون يۈەن، يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى مەخسۇس مەبلىغى 333 مىليون يۈەن ، مەركەزنىڭ يەرلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەخسۇس مەبلىغى 1 مىليارد 855 مىليون يۈەن، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىيات تولۇقلىما مەبلىغى 1 مىليارد 173 مىليون يۈەن. ئۇندىن باشقا مەركەز مالىيىسى دۆلەتنىڭ كىنو ئىشلىرى تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىدىن ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقىغا تەرجىمە قىلىدىغان كىنو تەرجىمە مەخسۇس تۈرىگە 48 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شىنجاڭ ، شىزاڭ ، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىغا تەرجىمە قىلىدىغان كىنو تۈرىگە ئىشلەتتى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق