باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
جايلار بىخەتەر ئىشەپلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈشنى پائال ئورۇنلاشتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-22 10:00:31

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەتىرىنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

14-ئاۋغۇست، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەملىكەت تەۋەسىدە بارلىق خەتەرلىك بۇيۇملار ۋە ئاسان يانىدىغان پارتىلاتقۇچ ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، زاپاس ساقلاش، توشۇش كارخانىلىرىنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش؛ كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي گەۋدىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان كارخانىلارنىڭ خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملار ۋە ئاسان يانىدىغان يېقىلغۇ بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىشنى قەتئىي مەنئىي قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

20-ئاۋغۇست، دۆلەت بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتى گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى؛ خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈش؛ قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، كۆمۈر كانلار، كۆمۈر كاندىن باشقا كانلار، پارتىلايدىغان چاڭ توزانلار، خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملار ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان پارتىلاتقۇچ ماددىلار قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىقى «خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان پارتىلاتقۇچ بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى چوڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇشنى» تارقىتىپ، جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلارنى بارلىق خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان پارتىلاتقۇچ بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت قىلىش كارخانىلىرىنى دەرھال تەشكىللەپ يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئۈزۈل كېسىل تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.

قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملارنى توشۇش، تىجارەت قىلىش ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى دەرھال باشلىدى. نۆۋەتتە ئالتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، لياۋنىن، فۇجيەن، جېجياڭلارغا بېرىپ، پورت ئېغىزلىرىدىكى پىرىستان، سۇ ئۈستى قاتنىشى ۋە يول تىرانسىپورت ساھەلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى.

گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 18- ئاۋغۇست يىغىن ئېچىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار يەنە ئۈچ ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ، شەنشى قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىپ، خەتەرلىك خىمىيلىك بۇيۇملار، ئاسان ئوت ئالىدىغان پارتىلاتقۇچ ماددىلار، لېفىت، ئالاھىدە ئەسۋابلار قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىختەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى 14-ئاۋغۇست «خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئايروپىلاندا توشۇش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» جىددىي تارقاتتى، جايلاردىكى باشقۇرۇش ئىدارىلىرى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىلىرىدىن مەخسۇس تەكشۈرۈشنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئايروپىلاندا توشۇش، زاپاس ساقلاش بىخەتەرلىكىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، مال ۋە پوچتا يوللانمىلىرىنى يىغىش ۋە توشۇش، بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ باتارىيە، توك قاچىلىغۇچنى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىشى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك بۇيۇملارنىڭ ئايروپىلاندا توشۇلۇش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى 20-ئاۋغۇستتىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈش يوللىرى بىخەتەرلىكىنى چوڭ تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى باشلىدى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق