باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ھەربىي پاراتنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-22 10:02:02

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقىشىچە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پارات پائالىيىتى ئاخىرقى تەتۈر ھىسابلاش باسقۇچىغا كىرگەن، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى چڭ تۇتۇپ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتقا ئارمىيىمىزنىڭ 50 چاسا ئەترىتى قاتنىشىدىكەن، 12 مىڭ كىشى ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىكەن، ھەربىي پاراتقا 40 نەچچە خىل تىپتىكى جابدۇقتىن 500 نەچچىسى، 20 نەچچە خىل تىپتىكى ئايروپىلاندىن 200 ى قاتنىشىدىكەن. ھەربىي پارات ماتورلۇق كىرىش، سەپ تۈزۈش، پاراتتىن ئۆتۈش، مۇراسىم مارشى، تارقىلىش ۋە يىغىلىشتىن ئىبارەت بەش باسقۇچ بويىچە يولغا قويىلىدىكەن. ھەربىي پارات ۋاقتى بىلەن مۇراسىم ۋارشىنىڭ ۋاقتى تەخمىنەن 70 مىنۇت بولىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 11 پىيادىلەر چاسا ئەترىتى- ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ۋە 10 قەھرىمان نەمۇنىچى چاسا ئەترەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاساسلىقى ئەسلى تەركىبى 8-ئارمىيە، يېڭى 4-ئارمىيە، شەرقىي شىمالى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيىسى، جەنۇبىي جۇڭگو زەربىدارلار ئەترىتىدىكى ھازىر ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قەھىرمان نەمۇنىچى قىسىمكەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پىشقەدەم يولداشلارنىڭ ئىككى چاسا ئەترىتى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تاللانغان بولۇپ، ھازىر ھايات تۇرىۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى پىشقەدەم ئەسكەرلەردىن تەركىب تاپقان، پارتىيىمىز ئارمىيىمىز ۋە جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىنقىلاۋى قۇربانلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھەمدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بەرگۈچى نەمۇنچىلەر ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن، پىشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 90 ياشكەن. 27 جابدۇقلار چاسا ئەترىتى- قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، دېڭىز ئارمىيىسى، ھاۋا ئارمىيىسى، 2-توپچى ئەسكەرلەر قىسمى، قۇراللىق ساقچى قىسىم ۋە تۆت باش شتابقا بىۋاستە قاراشلىق قىسىمدىن تەشكىللەنگەن، پاراتتىن ئۆتىدىغان قۇرال جابدۇقلارنىڭ %84 تۇنجى قېتىم پاراتقا قاتناشتۇرۇلغان. 10 ھاۋادا پەلەمپەيسىمان ئۇچۇش قىسمى ھاۋادا بايراقنى ھىمايە قىلىش چاسا ئەترىتى، باشلىغۇچى ئايروپىلان پەلەمپەيسىمان ئۇچۇش قىسمى، ئالدىن سېگنال بېرىش قوماندانلىق ئايروپىلانى پەلەمپەيسىمان ئۇچۇش قىسمى قاتارلىق ئارمىيىمىزنىڭ ھازىرقى ئىلغار ئۇرۇش قىلىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئايروپىلان خىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت چاسا ئەترەت ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ھەربىي پاراتقا قاتنىشىشقا ئەۋەتىدىكەن. دۇنيادىكى بەش چوڭ قىتەدىن كەلگەن چەتئەل قىسمىنىڭ چاسا ئەترەتلىرى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگوغا كېلىپ ھەربىي پاراتقا قاتنىشىش دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى بىرلىكتە خاتىرىلەش رۇشەن پوزىتسىيەسى، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۈددەت تىنچلىقىغا ئىنتىلىش غايىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق