باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
7-ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىگە خىلاپ 2842 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-22 18:27:10

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 22-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 2842 مەسىلە، 3934 كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان؛ 2589 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى مەمۇرىي ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلگەن. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىنىڭ تۈرىدىن قارىغاندا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىل سەپلەش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، 680 گە يەتكەن، ئۇنىڭدىن قالسا بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما پۇل ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش، توي -تۆكۈن، نەزىر چىراغنى چوڭ ئۆتكۈزۈش، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغا بۇيۇم ۋە پۇل ئېلىش قاتارلىقلار بار ئىكەن.

مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 66 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، 111 مەركەز كارخانىسى، 15 مەركەزنىڭ پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئايلىق دوكلات تۈزۈمىنى ئورناتتى.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق