باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
8-نۆۋەتلىك دۇنيا خەنزۇچە تاراتقۇلار مۇنبىرى گۈيياڭدا ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-23 14:41:54

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسى، گۈيجۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 8-نۆۋەتلىك دۇنيا خەنزۇچە تاراتقۇلار مۇنبىرى 22-ئاۋغۇست گۈيياڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن خەت ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

ليۇ يۈنشەن تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: چەتئەلدىكى خەنزۇچە تاراتقۇلار دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلار جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئۇيۇشتۇرغان خەنزۇچە تاراتقۇلار دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىلەن تارىخى بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇشى كۆرۈشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، جۇڭگولۇقلار جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭگو بىلەن چەتئەلنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كەلدى.

ليۇ يۈنشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چەتئەلدىكى خەنزۇچە تاراتقۇلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا دۇنياغا جۇڭگو ھېكايىلىرىنى بايان قىلىپ، جۇڭگو ئاۋازىنى يەتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، چەتئەلدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئالاقىلەشتۈرىدىغان مەنىۋى رىشتىگە، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەدەنىيەت كۆۋرۈكىگە ئايلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى كۈچ قوشتى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە «چەتئەلدىكى خەنزۇچە تاراتقۇلارنىڭ 200 يىللىقى- ۋارىسلىق قىلىش ۋە دەۋر ۋەزىپىسى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئىككى كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە مېھمانلار «خەنزۇچە تاراتقۇلارنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى ۋە دەۋر ۋەزىپىسى» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى پۇرسەتلەر قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق