باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-23 14:49:49

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

22-ئاۋغۇست، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، يېقىنقى مەزگىلدە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرىدە ئاشكارىلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، يېقىنقى مەزگىلدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىندى، كېيىنكى باسقۇچتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىنىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ماكەي، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو شېڭكۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق