باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
بايرام مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، ساياھەت بازارلىرىنىڭ تەرتىپى ياخشى بولغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى | يوللانغان ۋاقىت:2015-10-05 14:35:27

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5- ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېرىم ئۆتۈپ كەتتى. ئالدىنقى تۆت كۈنلۈك ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋارايى ياخشى بولۇپ، ساياھەت قىلىشقا ماس كەلگەن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى، مەملىكەت بويىچە ساياھەت بازارلىرىنىڭ تەرتىپى ياخشى بولغان. جايلار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بايراملىق بازارنى جانلاندۇرۇپ، قويۇق بايرام كەيپىياتى ياراتتى. ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، تارقاق ساياھەت قىلىش ئاساسى ئېقىمنى ئىگىلىگەن.

لىياۋنىڭدا ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئەۋج ئالدى، مەنزىرگاھلاردىكى ئاپتوموبىل توختۇتۇش مەيدانى تولۇپ كەتتى. دالىيەن شەھىرىدە ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغانلار ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %15.3ئاشتى. گۇيجۇنىڭ چېشۈي مەنزىرە رايونى بىر كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رىكورتنى ياراتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغانلار %76نى ئىگىلىدى. جياڭسۇنىڭ جوۋجۇاڭدىكى تارقاق ساياھەتچىلەر %75.73 نى ئىگىلىدى. خېبىينىڭ چېڭدىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئۆزى تاللاپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %60كە يېقىننى ئىگىلىدى.

دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، تۈنۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى كۈزەتكەن 180 ئاساسلىق ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئىككى مىليون 340 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %21ئاشقان. جىياڭشى ئۆلكىسى 1-ئۆكتەبىردىن 4-ئۆكتەبىرگىچە پۈتۈن ئۆلكىدىكى 36 نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرگاھى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى تۆت مىليۇن 604مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %27.65 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا 1-ئۆكتەبىردىن 3-ئۆكتەبىرگىچە جەمئىي توشۇلغان يولۇچى 32مىليون 922مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %8.8ئاشقان. مەملىكەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كۈزىتىش ئورۇنلىرى، قىزىق نۇقتىلىق مەنزىرگاھلار يولۇچىلار ئېقىمىنى چەكلەش تەدبىرىنى قوللانغان، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر شەھەر ئەتراپى ساياھىتى، يېزا كەنت ساياھىتى، مەدەنىيەت ساياھىتى ۋە ئىستراھەت ساياھىتىنى تاللىغان. بۇ يىل دۆلەت بايرىمى دەم ئېلىشى مەزگىلىدە ياپونىيە، كورىيە، تايلاند قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ساياھەتكە چىقىش قىزىپ كەتتى. «مەملىكەت بويىچە ساياھەت ئۆمەكلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى» سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى تۆت كۈندە چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش بازىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %36.6 ئاشقان. ئامېرىكا، رۇسىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ساياھەتكە چىققانلار زور كۆلەمدە ئاشقان. جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسى سىستېمىسى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بايرام مەزگىلدىكى خەلق ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورتىنىڭ ئېشىش كۆلىمى %35كە يەتكەن. شېچىڭ تورى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە،ئەڭ قارشى ئېلىنغان ساياھەت نىشان جايلىرى ئىچىدە ئامېرىكا، ئىتالىيە، رۇسىيە، تۈركىيە، موڭغۇلىيە، ماراكەش، چىخ قاتارلىق ئۇزۇن لىنىيە نىشان جايلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. ئامېرىكا ساياھىتى بايرام مەزگىلدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئۇزۇن لىنىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «جۇڭگو ئامېرىكا ساياھەت يىلى» مۇددەتتىن بۇرۇن جانلاندى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق