باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
4-ئۆكتەبىر مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول قاتناش بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى | يوللانغان ۋاقىت:2015-10-05 14:21:41

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5- ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

4-ئۆكتەبىر مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول قاتناش بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. تەيفىڭ بورىنى «مۇجىگە»نىڭ تەسىرىدە، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن باشلاپ، گۇاڭدۇڭنىڭ جاڭجېياڭ شەھىرىدىكى تېز سۈرئەتلىك تاشيوللار تاقالدى. شىنياڭ خەيكو تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ماۋمىڭ بۆلىكى تاقالدى. بېيجىڭ- ئالاشەن خوشۇنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ گەنسۇ جىنچاڭ بۆلكىدە بىر قېتىمدا بەش كىشى قازا قىلغان قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى. 4-ئۆكتەبىر جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى 12 ئۆلكە ئاپتونوم رايون مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرنىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى تاشيول قاتنىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى ۋىدىيو ئارقىلىق تەڭشەپ، جايلاردىن قاتناش ئىقىمى ئۆزگىرىشى ۋە قاتناش ۋەقەسى ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونلىرى يوللىرىنى باشقۇرۇش كونترول قىلىشنى، خەتەرلىق يول بۆلەكلىرىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى، قاتناش جىددى تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇشىنى، قاتناش تەرتىپىنى باشقۇرۇش كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەۋقولئاددە زور تاشيول قاتنىشى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ، ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بېرىشىنىڭ قەتئى ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. مەملىكەت بويىچە، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تاشيوللارنى باشقۇرۇش كونترول قىلىشنى يەنىمۇ زورايتىپ، قاتناش تېخنىكىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈسكۈنىسى ۋە خادىملار چارلاشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، سۈرئەتنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، ئاپتوموبىلغا نۇرمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدەش، تېز سۈرئەتلىك تاشيوللاردا قانۇنغا خىلاپ جىددى تاقابىل تۇرۇش ماشىنا يوللىرىنى ئىگىلەش، قانۇنغا خىلاپ يولىنى ئۆزگەرتىش، قانۇنغا خىلاپ ماشىنا توختۇتۇش، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار بەلگىلەنگەن ماشىنا يولىدا ماڭماسلىق قاتارلىق قاتناش قانۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قاتتىق باشقۇرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ساقچى كۈچىنى زورايىتپ، نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىنى باشقۇرۇش كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ جىددى تاقابىل تۇرۇش يوللىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ قاتتىق باشقۇرغان. تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، خېبىي، جياڭسۇ، جېجىياڭ، خىنەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلار جىددى تاقابىل تۇرۇش يولىنى ئىگلەش قىلمىشىدىن 10مىڭدىن كۆپرەكنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ۋە تۈزەتكەن.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق