باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
1-ئۆكتەبىردىن 4-ئۆكتەبىرگىچە 125 ساياھەت نۇقتىسى جەمئىي 19مىليۇن 643مىڭ 600ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى | يوللانغان ۋاقىت:2015-10-05 15:54:06

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5- ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۆكتەبىرلىك دەم ئېلىشىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ. دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، 1-ئۆكتەبىردىن 4-ئۆكتەبىرگىچە مەملىكەت بويىچە كۈزىتىلگەن 125 بىۋاستە مەلۇم قىلىش ساياھەت نۇقتىسى جەمئىي 19مىليۇن 643مىڭ 600ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئىشىك بىلىتى كىرىمى بىر مىليارد 89مىليون يۈەن بولغان.

تاۋۇز چاغىنى، ئۆكتەبىر بايرىمىنىڭ كەينى كەينىدىن كېلىشى بىلەن تېخىمۇ ئۇزۇن دەم ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، ئوتتۇرا ئۇزۇن لىنىيە ساياھىتى مەملىكەت ئىچى ساياھىتىنىڭ ئاساسلىق كۈچىگە ئايلاندى. قىسمەن قىزىق نۇقتا مەنزىرە رايونلىرى ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش ۋە ساياھەتچىلەرنى تېزگىنللەش تەدبىرىنى قوللاندى، ساياھەت بازىرى تەرتىپلىك ياخشى بولدى، زور مىقداردا يولۇچىلار تۇسۇلۇپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.

شىچىڭ تورى ئېلان قىلغان ئۆكتەبىر دەم ئېلىشى مەملىكەت ئىچى ساياھەت شەھەرلىرى تېزىملىكىدە، سەنيا، بېيجىڭ، شىيامىن، جيۇجەيگو، شىئەن ئەڭ قىزىق ساياھەت نىشان جايىغا ئايلانغان.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۈكى، «ئالاقە تورى ۋە ساياھەت»نىڭ بېرىكىش ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، بۇ يىللىق دەم ئېلىش ساياھىتىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنىڭ توردا بېلەت زاكاز قىلىشى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن. يۈننەننىڭ لىجاڭ «چىقىمدان» مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، ئەنخۈينىڭ جيۇخۇاشەندە ساياھەتچىلەر يانغون ئارقىلىق، ئىككىلىك كود نومۇرىنى سايىلەش ياكى «سىلكىش» ئىقتىدارى ئارقىلىقلا بىلەت سىتىۋالدى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق