باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
چېگرا ھالقىغان ئىلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ جانلىنىشى تاشقى پرۋوت چىقىم كەسىپىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى | يوللانغان ۋاقىت:2015-10-05 15:56:42

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5- ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك تاشقى پرۋوتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، چېگرا ھالقىغان ئىلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ جانلىنىشى چېگرا ھالقىغان تاشقى پرۋوت چىقىم كەسىپىنى بىۋاستە تېز سۈرئەتتە ئاشۇرغان. 2015-يىلى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان كىرىم چىقىم سودا سوممىسى 2014-يىلدىكى پۇتۇن يىلنىڭ 2.2ھەسسىگە توغرا كەلگەن.

تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، 8-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، مەملىكەت بويىچە 26 چىقىم قىلىش ئاپپاراتى چېگرا ھالقىغان تاشقى پرۋوت چىقىم كەسپى سىناق نۇقتىسىغا قاتناشقان، بېجىرىلگەن چىگرا ھالقىغان كىرىم چېقىم بەش مىليارد 190مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇلۇپمۇ 3-ئايدىن بۇيان، ئايلىق چېگرا ھالقىغان كىرىم چىقىم سوممىسى ئۇدا ئالتە ئاي 300مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان. نۆۋەتتە يەنە نۇرغۇن چىقىم ئاپپاراتلىرى كەينى-كەينىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى تاشقى پرۋوت ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۈنۈپ، سىناق قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتىكەن.

 

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق