باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
4-نۆۋەتلىك ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇنبىرى يېقىندا شىئەندە ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى | يوللانغان ۋاقىت:2015-10-05 15:58:42

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5- ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

4-نۆۋەتلىك ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇنبىرى يېقىندا شىئەندە ئۆتكۈزۈلدى. يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقى، دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى قاتارلىق دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى تارماقلار، ئىلىم ساھەسى، كارخانا ساھەسىدىكى مۇتەخەسسسلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر بەلۋاغ بىر يول لىنىيە بويىدىكى دۆلەت، رايونلارنىڭ زامانىۋى ئىكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىك كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

مۇنبەر مەزگىلىدە، «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى ئەل خەلقىنى تېخىمۇ بىخەتەر مول يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان «بىر بەلۋاغ بىر يول يېزا ئىگىلىك ۋە يېمەكلىك سودا ئۇچۇر سۇپىسى»نى باشلىدى ھەمدە لىنىيە بويىدىكى 39 دۆلەت ۋە رايون بىلەن بىللە ئېكولوگىيە يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئورتاق تونۇشى بولغان «بىر بەلۋاغ بىر يول يېزا ئىگىلىكى سەپەر» پائالىيىتىنى باشلىدى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق