باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>دۇنياغا نەزەر
ھاۋا پاكىز، تېجەشلىك بولغان بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-04 09:21:59

 

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 31-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان 128-ئومۇمىي يىغىندا، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان شەھەرگە ئاۋاز بېرىپ، ئاخىرىدا بېيجىڭ بىلەن ئالمۇتانىڭ بىرسىنى تاللاپ چىقىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 30-ئىيۇل ئەگەر ئىلتىماس مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، بېيجىڭ بىلەن جاڭجياكۇ بىر نۆۋەتلىك ھاۋا پاكىز، تېجەشلىك بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ دېدى.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى فاڭ لى ئەگەر ئىلتىماس مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، 2022-يىلىدىكى مۇسابىقە مەزگىلىدە، بىز چوقۇم تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ پاكىز ھاۋادا مۇسابىقىلىشىپ، ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز دېدى.

ئامما ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىققەت قىلىش دەرىجىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھاۋا سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى. فاڭ لى مۇنداق دېدى: 2012-يىلى بېيجىڭ پاكىز ھاۋا ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. 2013-يىلىدىن باشلاپ، ئۆپكىگە كىرىدىغان دانىچىلار بىزنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى باھالىشىمىزدىكى ناھايىتى مۇھىم كۆرسەتكۈچكە ئايلاندى. بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۆپكىگە كىرىدىغان دانىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.2 ئازايدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېيجىڭ 2012-يىلىدىن تارتىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەشنى كۈچەيتكەن. فاڭ لى مۇنداق دېدى: قۇرۇلمىنى تەڭشەش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش ئارقىلىق، بىز ھەر قايسى تەرەپلەردىن مۇھىتنى تۈزەشنى كۈچەيتتۇق. مۆلچەرىمىزچە، 2017-يىلىغىچە، ئۆپكىگە كىرىدىغان دانىچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 2012-يىلىدىكىدىن %25 تىن كۆپرەك ئازىيىدۇ. 2022-يىلىغىچە، بېيجىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ھاۋا سۈپىتى چوقۇم ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى بولىدۇ.

فاڭ لى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش-بېيجىڭ-جاڭجياكۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ تېز ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە ئۆلچىمىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا قاتنىشىش دەرىجىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

بېيجىڭ بىلەن جاڭجياكۇ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسىدا، تەنھەرىكەتچىلەرنى مەركەز قىلىش، سىجىل تەرەققىيات، تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش كومىتېتى مالىيە ۋە بازار ئېچىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇشىڭ مۇنداق دېدى: بىز 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مىراسلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىمىز، 12 ئولىمپىك مەيدان، سارىيىنىڭ ئون بىرىنى داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىشىپ، ئارتۇقچە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش چىقىمىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىمىز. بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سېتىۋېلىشنىڭ ئورنىغا ئىجارىگە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئەسۋاب سېتىۋېلىش خامچوتىنى %30 ئازايتىمىز.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق