باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>دۇنياغا نەزەر
ئىران گىلەمچىلىك كەسپىنى جانلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلھام مامۇت | يوللانغان ۋاقىت:2015-09-01 15:02:30

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1- سېنتەبر بېيجىڭ خەۋىرى:

29 -ئاۋغۇست ، تېھراندا ئاياغلاشقان قولدا توقۇلغان گىلەم كۆرگەزمىسى- ئىراننىڭ گىلەمچىلىك كەسپىدىكى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە، تاشقى ساھە بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا، كۆرگەزمە زالىدىكى ساياھەتچى ۋە خېرىدارلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئازلىقىنى، ئىلگىرىكى ئاۋات مەنزىرىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلدى.

يىپەك گىلەم ۋە قوي يۇڭى گىلىمى ساتىدىغان بىر دۇكاندىكى ماشابا قاپىقى تۈرۈلگەن ھالدا: بۇ بىر نەچچە يىلدا ئەھۋال بارغانسېرى يامانلاشتى، گىلەملەرنىڭ سېتىلىشى 6،7 يىلنىڭ ئالدىدىكىنىڭ يېرىمىگە چۈشۈپ قالدى دېدى. ئېھتىياج تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدە، گىلەم باھاسىمۇ تۆۋەنلىدى. ماشابا پارس ئۇسلۇبىدىكى كەڭلىكى 1.3 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىر كېلىدىغان بىر پارچە گىلەمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئىلگىرى بۇ گىلەمنى ئاز دېگەندە 7 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ساتقىلى بولاتتى، ھازىر ئاران 6 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىغا ساتالىساق ئوبدان ساتقان بولىمىز دېدى.

ماشابانىڭ تىجارەت ئەھۋالى ئىران گىلەمچىلىكىنىڭ كاساتچىلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 2012 -يىلى ئىران گىلەمچىلىك كەسپىنىڭ ئېكسپورتى 560 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولسا 2014 -يىلى ئازىيىپ 330 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالدى، پۈتكۈل كەسىپتىكى خادىملارنىڭ سانى 10 يىل ئالدىدىكى 2 مىليوندىن،ھازىر بىر مىليونغا چۈشۈپ قالدى، ھەم داۋاملىق ئازايماقتا. ئەمگەك بېسىمى ئېغىر، مائاش تۆۋەن بولغاچقا ياشلار بارا بارا بۇ كەسىپتىن يىراقلاشماقتا، ئائىلىدە بىكار ئولتۇرىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار كەسىپتىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى، كەسىپنى ھەقىقىي بىلىدىغان لايىھەلىگۈچىلەر ئىنتايىن كەمچىل بولماقتا. پارسلارنىڭ پەخرى بولغان بۇ كوزىر كەسىپ ھازىر كىشىنى ئەنسىرىتىدىغان ۋارىسسىز قېلىشتەك كىرىزىسقا يولۇقماقتا .

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق