باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>دۇنياغا نەزەر
جۇڭگو ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەر ۋە مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى | يوللانغان ۋاقىت:2015-09-12 15:56:12

 

«ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش يېڭى پىلان تۈزۈش» باش تېمىسىدىكى 2015-يىللىق يازلىق داۋۇس مۇنبىرى 9-سېنتەبىردىن 11-سېنتەبىرغىچە دالىيەندە ئۆتكۈزۈلدى. 90 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1700دىن ئارتۇق سىياسىيون، سودىگەر، ئېلىم ساھەسىدىكىلەر ۋە تاراتقۇ ۋەكىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جۇڭگو ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەر ۋە مۇھىم تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا تەۋرىنىۋاتقان، ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولىۋاتقان ئەھۋالدا، يەر شارىدىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ماتور بولغان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادتىكى ئىپادىسى دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە، تەبىئىيكى بۇ مۇنبەردىكى كىشىنىڭ دىققتىنى تارىتىدىغان نۇقتىلىق تېمىلارنىڭ بىرى.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋاب ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو- دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خېيىم-خەتەر مەنبىي ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىنىڭ بىرى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچ ۋە پۇرسەت مەنبىي. بۇ بىر ئۈمىدۋارلىققا تولغان ئىپادىلەش بولماستىن بەلكى ئەمەلىيەت.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى دۆلەتلىك تەرەققىيات تەتقىقات ئىنستىتوتىنىڭ پىروففىسورى خۇاڭ يىپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىردى، بىر قىسىم مەسىلىلەر مەۋجۈت بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلدى، جۇڭگونىڭ سىياسەت ساندۇقىدىكى سايمانلار خىلى كۆپ. بۇ خەلقئارادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا غايەت زور ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ.

«جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ داڭلىق ماركىسى»نىڭ جۇڭگو رايونىدىكى باش ۋەكىلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى داۋۇس مۇنبىرىدىن تارقالغان ئۇچۇر كىشىنى ناھايىتى روھلاندۇرىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادى سۇسلاشمايدۇ.

ئەرەپ ئەللىرى بىرلەشمىسى ئابۇلاجى گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەيرۈي ناۋېي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىم جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ بېقىش. نۆۋەتتە مېنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم كامىل. جۇڭگونىڭ چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئېلىشىغا قارىتا تامامەن خاتىرجەم بولدۇم. ھازىر، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇكى مەن جۇڭگوغا مەبلەغ سالىمەن.

جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقا قىتئەسى ھەسەن ھۈسەن كانچىلىق شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پاترېس موتسابى مۈنبەرنىڭ ئالماشتۇرۇش ھالقىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن تېخىمۇ زور نەپكە ئېرىشتى.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھەقىقىي گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ئېشىش كېرەك، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئۈنۈملۈك ئىھتىياجى ۋە ئۈنۈملۈك تەمىناتىنى بىرلەشتۈرۈش يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ كەڭ دېققىتىنى تارتتى.

گرۇزىيە زۇڭلىسى ئىراكلى گالباشۋېلى زامانىۋى يېڭى يىپەك يولى» تارماق مۈنبىرىدە گرۇزىيە جۇڭگونىڭ يىراقنى كۆرەرلىك «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىنتايىن قوللايدۇ، دېدى.

دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ جاۋشى«جۇڭگو كەسىپ ھەمكارلىقنىڭ يېڭى پىلانى» تارماق مۈنبىرىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلقئارا كەسىپ تەقسىمات پۈرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ كەتتى، ھەم جەلپ قىلىپ ھەم چەتئەلگە يۈزلىنىپ تۈرى تولۇق، ئىلغار، مۇھىت ئاسرايدىغان، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا بىرلىكتە كېڭىشىش، بىرلىكتە قۇرۇش، تەڭ بەھرىمان بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ. خەلقئارا قائىدە، سودا پىرىنسىپى، كارخانىنىڭ ھەرىكىتى، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەكلىپى ۋە يادرولۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئشىلىرىنى تولۇق ئويلىشىدۇ، مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى قۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە، كەسىپ زەنجىرى، كەسىپ مەركەزلەشكەن رايون قاتارلىقلاردا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

ھېندىستان تاتا ئۇچۇر تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو رايونىنىڭ لېدىرى سۇجىت چاتكى شىركىتىمىزنىڭ جۇڭگو بىلەن ئېلىپ بارغان ھەمكارلىقىنىڭ كۆپرەكى ياسىمىچىلىق ساھەسىدە بولۇۋاتىدۇ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق دۇنيا سىستېمىسى بىلەن بىر ئېزغا كىرىمىز دېدى.

يېڭىلىق يارىتىش كۈنسايىن ھەر قايسى دۆلەت ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچىگە ئايلاندى.پەلەي ئارقلىق كونترول قىلىدىغان مىخانىكلىق قول ، تىلغا تايىنىپ پەرق ئېتىدىغان تەقلىدىي ئۆگىنىش قورالى، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھېسسىي تۇيغۇسىنى پەرق ئېتىش ماشىنىسى، قۇتقۇزغۇچىلار ئامان قالغۇچىلارنى تىز سۈرەتتە تېپىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان سوقۇلۇشقا چىداملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق داۋۇس مۇنبىرىدىكى ماشىنا ئادەملەرنى كۆرۈش رايونى مۇنبەرگە قاتناشقان كۆپلىگەن ساھىبخانلارنى جەلىپ قىلدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدېرى مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ھازىر دۇنيادا تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ئۆسكەن ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ. ھازىر بارلىق ياسىمىچىلىق كەسپى، سەھىيە،سۇغۇرتا كەسپى ھەمدە ھەر قايسى ئىستېمال ساھەسىدە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىنتايىن تىز بولىۋاتىدۇ، بىراق دۇنياغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلىرىنى يىغىپ ساھەگە ئايلاندۇرۇش، كەسىپ بىلەن سانائەتنى مەيدانغا كەلتۈرۈش، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت نۇرغۇن خىرىسقا يولۇقماقتا.

جۇڭگو پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنجۇ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات قارالمىسى شۆبە مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىشنى ئاسانلا ھۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدا ناھايىتى ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلدۇ. يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە سەۋرىچان بولۇش كېرەك. ۋاقىت چىقىرىپ ئۆز تېخنىكىسى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى جۇغلاپ، ھەقىقىي جۇڭگو ئىجادىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق