باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>دۇنياغا نەزەر
ياۋروپا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس-بىر سۇدانلىقنىڭ ياۋروپادا سەرگەردان بولۇش ھېكايىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل | يوللانغان ۋاقىت:2015-09-15 08:59:56

 

«مېنىڭ ياۋروپا ئارزۇيۇم ئەنگلىيەدە، ئۇ يەر ئارزۇيۇمدىكى ياۋروپا، شۇ يەرگە بارغاندىلا، ئاندىن ياخشى كۈنگە ئېرىشەلەيمەن» سۇلتانى مۇھەممەد كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇخبىرغا شۇنداق دېدى، ئۇ گويا نەچچە ئايدىن بېرى سەرسان- سەرگەردانلىقتا يۈرگەن جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

بۇ يىل 8-ئايدا، مۇخبىر فىرانسىيەنىڭ كالايدىكى ئورمان مۇساپىرلار ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدا سۇداننىڭ دارفور رايونىدىن كەلگەن بۇ ياش بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدى.

ئورمان مۇساپىرلار لاگىرى بىلەن كالاي پىرېستانى ناھايىتى يېقىن، ھەتتا ئاددىي كەپىدە ئولتۇرۇپ N216 تاشيولدىكى چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ يۈك ئاپتوموبىللىرى يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان مۇساپىرلار ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ ئەنگلىيەگە بېرىشىدىكى ئەڭ ياخشى قورال بولۇپ قالدى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بىر قانچە تارقاق قانۇنسىز كۆچمەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاينى ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، «ئورمان مۇساپىرلار رايونى»، ھازىر فىرانسىيەدىكى مۇساپىرلار ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ قالدى.

سۇدان، ئېرىترىيە , ئافغانىستان , پاكىستان ۋە سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن نەچچە مىڭ ئادەم كالايدىكى «ئورمان مۇساپىرلار رايونىغا» توپلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەنگلىيەنى ئۆز ھاياتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى قىلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بويان، ئاز دىگەندىمۇ 9 ئادەم چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش جەريانىدا قازا قىلدى. مۇساپىرلار ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئاپتوموبىللارغا چىقىۋېلىشى ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول،تونېللارغا كىرىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، فىرانسىيە دائىرىلىرى N216 تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئاق رەڭلىك ئېگىز رېشاتكا ياسىدى.

«قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر مەن يەنىلا بۇ يەردىن ئايرىلىمەن، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانمايمەن. بۇ يەردىكى تۇرمۇشنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى يوق، ئەڭ ئاخىرىدا فىرانسىيە ماڭا مۇساپىر سالاھىيىتى بەرگەن تەقدىردىمۇ يەنە نېمە بولماقچى ؟ مېنىڭ دوستۇم ئون يىللىق تۇرۇپ قېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، ئۇ بۇ يەردە ياشاۋاتىدۇ، مەن ئۇنداق قىلمايمەن. » سۇلتانى كۆز ئالدىدىكى ئاشۇ تاشيول بويىدىكى ئېگىز رىشاتكىغا قاراپ تۇرۇپ، شۇنداق دېدى، كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئوتلىرى چاقناپ تۇراتتى.

سۇلتانىنىڭ يۇرتى دارفوردا. يېقىنقى 10 نەچچە يىلدا، ئۇ يەردە ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئۈزۈلمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: « يۇرتۇمدا توقۇنۇش ئەزەلدىن توختاپ باقمىدى، ھەر خىل قوراللىق كۈچلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتلىرى توختىماي ئۇرۇش قىلىدۇ، كىشىلەر نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالدى، قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا تېخى كەمسىتىش مەۋجۇت، مەن ئۇ يەردە ياخشاشقا ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدىم.

« مەن سەھرايى كەبىر چۆللىكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ لىۋىيەگە كەلدىم. مەن ئىلگىرى ئۇ يەرنى ياۋروپا دەپ خىيال قىلاتتىم، تاپقان پۇلۇمنى ئۆيگە ئەۋەتىپ بېرىشنى ئويلايتتىم. بىراق، ئۇ يەردە ئىرقىي كەمسىتىش بەك ئېغىر ئىكەن، مەن قۇللار ئوخشاش خىزمەت قىلغان بولساممۇ، مائاش ئالالمىدىم، «يوقال زەڭگى، سەن پۇل ئالالمايسەن» دېگەن گەپلەرنى ئەڭ كۆپ ئاڭلىدىم.

سۇلتانى لىۋىيەدە تاپقان پۇلىنى ئەدەم ئەتكەسچىلىرىگە بېرىپ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىن ياۋروپا ئەللىرىگە بېرىدىغان پاراخوتقا چىقتى.

مۇخبىر ئۇنىڭ پاراخوتتىكى كۈچۈرمىشلىرىنى سورىغاندا،ئۇ سۆزلەپ بېرىشنى خالىمىدى. پاراخوت بىر دوزاخ، خىيالىمغا كەلتۈرۈشنى خالىمايمەن، دېدى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق