باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>دۇنياغا نەزەر
ھەرەم مەسچىتىدىكى كىران ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە جۇڭگولۇق ھەج قىلغۇچىلاردىن ئۆلۈپ يېتىم بولمىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-09-15 09:27:52

 

سەئۇدىي ئەرەبىستانىدىكى مۇقەددەس شەھەر مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتىدە 11-سېنتەبىر مۇنارسىمان كىران ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 107 ئادەم قازا قىلدى، 238 ئادەم يارىلاندى.

شۇ جاي ۋاقتى 11-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن ئون مىنۇت ئۆتكەنلەردە، مۇقەددەس شەھەر مەككىدە قاتتىق بوران چىقىپ، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدى. شۇ چاغدا، مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن مۇسۇلمان بار بولۇپ، ھەرەم مەسچىتىنىڭ مەركىزىدىكى كەئىبىنى ئايلىنىۋاتقان ئىدى. جۇڭگونىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرى شىنگۈەن مەسچىتىدىن كەلگەن ماجۈن ئاخۇنمۇ كەئىبىنى ئايلىنىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى، ئۇ بۇ قېتىم گەنسۇ ھەج ئۆمىكىنىڭ يېتەكچى مۇددەرىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى.
تېخىچە يۈرىكى ئورنىغا چۈشمىگەن ماجۈن مۇخبىرغا: «سائەت بەشتىن ئون مىنۇت ئۆتكەنلەردە، تۇيۇقسىز كۈچلۈك ئاۋاز ئاڭلاندى، ئارقىدىن ماڭا 200 مېتىرچە كېلىدىغان جايدا غايەت زور توپا-چاڭنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۈم، ئارقىدىن ھەر تەرەپتىن ئېچىنىشلىق ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى» دېدى.

چاڭ-توزان بېسىققاندىن كېيىن، ماجۈن ئاندىن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ ئېگىز مۇنارسىمان كىراننىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆردى. بۇ چاغدا، ماجۈن باش-كۆزى قانغا بويالغان، بەدىنى يارىلانغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەسچىتتىن سىرتقا قاراپ قېچىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ماجۈن «بىردەمدىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى يارىدارلارنى يۆتكەشكە باشلىدى، سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى ھەرەم مەسچىتىنى قامال قىلىپ، چىقىشقا رۇخسەت قىلىپ، كىرىشكە يول قويمىدى» دېدى.

ۋەقە يۈز بەرگەنلىك خەۋىرى ھەرەم مەسچىتىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا ئورۇنلاشقان جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىگە بىردەمدىلا يېتىپ كەلدى. شۇ چاغدا، ھەرەم مەسچىتى قامال قىلىنغان بولغاچقا، جۇڭگولۇق ھەج قىلغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئۇقۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ھەج ئۆمىكى ھەر قايسى شۆبە ئۆمەكلەرنىڭ ئادەم سانىنى ساناشقا باشلىدى.

ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە ھەج ئۆمەكلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ساناش ۋە ئېنىقلاش ئارقىلىق، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم 12-سېنتەبىر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنارسىمان كىران ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە جۇڭگولۇق ھەج قىلغۇچىلاردىن ئۆلۈم-يېتىم بولمىغانلىقى، ھەممىسىنىڭ ئامان-ئېسەن ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

ئادىل ھاجى كېرىم «بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ، نىڭشيا، يۈننەن، گەنسۇ قاتارلىق جايلىرىدىن ھەج قىلماقچى بولغان 14 مىڭ 500 مۇسۇلماننىڭ ھەممىسى مەككىگە يېتىپ كېلىپ، ھەج پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلىنىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ» دېدى.

ھەج پائالىيىتى باشلانغۇچە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ھەر كۈنى ئىختىيارىي ھالدا ھەرەم مەسچىتىگە بېرىپ ئىبادەت قىلىدۇ ۋە كەئىبىنى ئايلىنىدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەندە جۇڭگولۇق قانچە مۇسۇلماننىڭ نەق مەيداندا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەسلىك-جۇڭگو ھەج ئۆمىكى ۋە جۇڭگونىڭ جىددەدىكى باش كونسۇلخانىسىنى بەك ئەندىشىگە سالدى.

ماجۈن «نەق مەيداندا، مەن يەنە جۇڭگولۇق باشقا ھەج قىلغۇچىلارنىمۇ كۆردۈم، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ياشانغانلار ئىدى، مەن دەرھال ئۇلارنى نەق مەيداندىن ئايرىلىشقا يېتەكلىدىم» دېدى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق