باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>دۇنياغا نەزەر
ياپونىيە بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىنى ئۇرۇپ-سوقۇپ ماقۇللىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن | يوللانغان ۋاقىت:2015-09-18 13:32:58

 

ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى ئىچىدە، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى تىنچلىق بىخەتەرلىك قانۇنچىلىق ئالاھىدە كومىتېتى 17-سىنتەبىر مەجبۇرىي ئاۋاز بېرىپ، كوللىكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە ئالاقىدار بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىنى ماقۇللىدى. ياپونىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە كەچتە ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي يىغىنى ئېچىپ، بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىنى قايتا ماقۇللىدى.

ئەسلى 16-سىنتەبىر كەچتە ئېچىلماقچى بولغان ئاۋام پالاتاسى تىنچلىق بىخەتەرلىك قانۇنچىلىق ئالاھىدە كومىتېتى يىغىنى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەر كۈچلۈك قارشى تۇرغانلىقتىن 17-سىنتەبىرگە كېچىكتۈرۈلدى. 17-سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئالاھىدە كومىتېت باشلىقى يىغىن ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەر كومىتېت باشلىقىغا ئىشەنمەسلىك لايىھەسى سۇندى، ئەمما بۇ لايىھە ئارقىدىنلا ئىنكار قىلىندى.

ئالاھىدە كومىتېت باشلىقى ئۆز ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالاھىدە كومىتېت ئاخىرقى سوئال قويۇش ھالقىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىگە بىۋاسىتە ئاۋاز بەردى. ئاۋاز بېرىش ناھايىتى قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ئاياقلاشتى، ياپونىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى كۆپ سانلىق ئورۇنغا تايىنىپ بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى مەجبۇرىي ماقۇللىدى.

ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەر: باش ۋەزىر ئابى شىنىزونىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قارار لايىھەسى، كابېنتقا ئىشەنمەسلىك لايىھەسى سۇنۇش قاتارلىق ۋاسىتىلار ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرىمىز، دېدى.

ئالاھىدە كومىتېت قانۇن لايىھەسىنى مەجبۇرىي ماقۇللىغاندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي يىغىنى ئېچىپ، بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىگە قايتا ئاۋاز بەردى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە ئاۋام پالاتاسىدا يېرىمدىن كۆپرەك ئورۇنغا ئىگە بولغاچقا، بۇ قارار لايىھەسى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋاز بېرىلگەندىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى.

پارلامېنت سىرتىدا نۇرغۇن ياپونىيە ئاممىسى يامغۇرغا قارىماستىن بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىگە قارشى زور كۆلەملىك قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى، قارشىلىق ھەرىكىتى 16-سىنتەبىر كەچتە باشلىنىپ، 17-سىنتەبىرمۇ داۋاملىشىپ، قانۇن لايىھەسىنى بىكار قىلىش تەلەپ قىلىندى. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %70كە يېقىن ئامما بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنتتا بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ماقۇللاشقا قارشى تۇرغان.

ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىغا ھەرقايسى ساھەدىكىلەر كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.

ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئاۋاز بېرىشكە قارشى تۇردى. 16-سىنتەبىر ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىگە ئاۋاز بەرگەندە، دېموكراتلار پارتىيەسى، يېڭىلىققا كۆچۈش پارتىيەسى، ياپونىيە كومپارتىيەسى قاتارلىق ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەر يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كېتىپ، ئاۋاز بېرىشكە قارشى تۇردى. 14-سىنتەبىر، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى بىرقانچە ئەزاسى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىگە قارشى چوڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئاممىنىڭ قارشىلىقى توختىمىدى. پارلامېنت قاراپ چىقىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئامما ھەركۈنى پارلامېنت ئەتراپىدا ئېتىراز بىلدۈردى، ھەر ھەپتىدە ئون مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيەدىكى ئەلئىچى تەشكىلاتلار ھەتتا بىر مەزگىل مەملىكەت بويىچە مىليون كىشىلىك ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى تەشكىللىدى.

ئاساسىي قانۇن ئالىملىرى كۈچلۈك قارشى تۇردى. 6-ئايدا، ياپونىيەدە 230 نەچچە ئاساسىي قانۇن ئالىمى بايانات ئېلان قىلىپ، بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىنى تۈزۈش رەسمىيىتى ئاساسىي قانۇنچىلىق ۋە ئاساسىي ھوقۇق خەلقتە بولۇش ئىدىيەسىگە خىلاب، پارلامېنت دېموكراتىك تۈزۈمىگىمۇ خىلاب دەپ قاراپ، ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى تېزدىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 7-ئايدا، 200 نەچچە ئاساسىي قانۇن ئالىمى يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، كۈچلۈك قارشى تۇردى.

سابىق سىياسىيونلار ئاشكارە تەنقىد قىلدى. خوسوكاۋا مورىخىرو، خاتا سۇتومۇ، تومىچى مۇراياما، يۇكىئو خاتوياما، نائوتوكاندىن ئىبارەت ياپونىيەنىڭ بەش سابىق باش ۋەزىرى ئابى شىنىزونىڭ خەلقنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى، ياپونىيە ئاساسىي قانۇنچىلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئاشكارە تەنقىد قىلىپ، بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىنى تېزدىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر قەتئىي قارشى تۇردى. ياپونىيەدىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق ئالىم ۋە تەتقىقات خادىمى ئىمزا قويغان ياپونىيە «بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىگە قارشى ئالىملار جەمئىيىتى» 7-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىنى مەجبۇرىي ماقۇللىغانلىقى خەلقنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق، ئاساسىي قانۇن دېموكراتىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، دېدى. ياپونىيەدىكى داڭلىق كارتون ئۇستىسى مىيازاكى خايائومۇ كۆپ قېتىم ئاشكارە قارشى تۇردى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق