باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>دۇنياغا نەزەر
شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا سىياتىلنى تۇنجى بېكەت قىلىپ تاللىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى | يوللانغان ۋاقىت:2015-09-23 12:55:15

 

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا سىياتىلنى تۇنجى بېكەت قىلىپ تاللىدى. زىيارەت مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ سېئاتل ئەتراپىدىكى تاكۇما شەھىرىدىكى لىنكولن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ شۇ جايدىكى بىر ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، 1914-يىلى قۇرۇلغان، 100 يىللىق تارىخقا ئىگە، ھازىر مەكتەپتە 1500دەك ئوقۇغۇچى بار. لىنكولىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ئائىلىلەردىن كەلگەن، تىپىك كۆپ ئېرىقلىق، كۆپ مىللەتلىك مەكتەپ.

شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ مەكتەپ نۇرغۇن تەييارلىقلارنى قىلدى، ئۇلار رەئىس شى جىنپىڭنى ھەيران قالدۇرماقچى. مۇخبىر يېقىندا بۇ مەكتەپنى زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇن «مەخپىيەتلىكلەرنى» بايقىدى.

بۇ مەكتەپتە جۇڭگولۇقلار ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئەمەس، رەئىس شى جىنپىڭغا كۈتۈلمىگەن خوشاللىق بېرىش ئۈچۈن، مەكتەپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە خەنزۇچە خور ئەترىتى ئەزالىرىنى مەخسۇس تەكلىپ قىلدى. خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئاۋۋال ناخشا تېكىستىنى لىنكولن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئېزىنخاۋېرغا ئۈگەتتى، ئېزىنخاۋېر ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا ئۈگەتتى.

ئوقۇغۇچىلار دەسلەپتە كېمنىڭ زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، بىراق ئۇلار ناھايىتى ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدى. ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىز يېرىم ۋە چۈش سائەت 12دە ئىككى قېتىم رەپىتىس قىلدى، ئۈچ كۈندە ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن ناخشىنى ئېيتالايدىغان بولدى.

مۇخبىر سىنىپقا كىرگەندە، تۇنۇش مىلودىيەنى ئاڭلىدى. رىپىتىس مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇلار مەشىق قىلغاندا شۇنداق روھلۇق، كەسپىي سەۋىيەگە ئىگىدەك تۇراتتى.

28 يىللىق ئوقۇتۇش تارىخىغا ئىگە ئېزىنخاۋېر مۇئەللىمنىڭ تەجرىبىسى مول ئىدى، ئۇ ئەمدى بۇ ناخشىنى باشلىغاندا، ئوقۇغۇچىلاردىن ھەممە مېلودىيەنى ئىسىدە ساقلىۋېلىشنى تەلەپ قىلمىدى، بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ناخشىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈردى.

ئېزىنخاۋېر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: « ئەگەر رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولسا، مەن ئۇنىڭغا، جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن يېقىن ئارلىقتابىۋاسىتە ئۇچرىشىش– مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك كەچۈرمىش بولىدۇ، دەيمەن، دېدى. لىنكولىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نۇرغۇنلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر چوڭ دۆلەت رەھبىرى، ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەننىڭ خەلق ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچى ئىكەنلىگىنى بىلىمىز».

لىنكولن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى پاترىك ئوۋېن مۇخبىرنى باشلاپ مەكتەپنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسىڭىز، جۇڭگو ئۇسلۇبىنى ھېس قىلىسىز. ئوۋېن مۇخبىرغا ئۆزى يىغىپ ساقلىغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇيۇملارنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ چاڭچىلىسى نىقابى ۋە قەغەز قىيما قاتارلىقلار بار ئىدى، ئۇنىڭ شىرەسىگە بىر قانچە خۇڭشۇاڭشى ماركىلىق تىك-تاك توپ پالىقى قويۇلغانىدى.

ئوۋېن مۇنداق دېدى: « رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشى كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ. ئۇ بىر ئىنتايىن ئاقىل، جەسۇر ۋە كەسكىن رەھبەر. رەئىس شى جىنپىڭ ئەزەلدىن ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بىز فۇجۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتىپىمىزگە كېلىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىنى، ئۆگىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ئوۋېن ئاخىردا مۇخبىرغا: بىز رەئىس شى جىنپىڭغا بىر سوۋغات بەرمەكچى، دېدى. بۇ سىرلىق سوۋغات زادى نېمە، بۇنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق