باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>دۇنياغا نەزەر
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۈرۈشلۈك باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-09-23 13:40:12

 

قۇرۇلغىلى 70 يىل بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۈرۈشلۈك باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. 25-سىنتەبىردىن 27-سىنتەبىرگىچە، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا 2015-يىلىدىن كېيىنكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ماقۇللاپ، كەلگۈسى 15 يىلدىكى خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ 28-سىنتەبىردىن باشلاپ بىر ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى ئۆتكۈزىلىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرى نۆۋەتتىكى خەلقئارا جەمئىيەت دۇچكەلگەن زور مەسىلىلەر توغرىسىدا مەيدانىنى شەرھىيلەيدۇ.

تەھلىلچى ئەرباپلار مۇنداق دەپ قارىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى»نىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا بولغان ۋەدىنى قايتا تەكىتلەش، يېڭى تەرەققىيات قارالمىسىنى ماقۇللاش ھەمدە ئۇنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىش يۈرۈشلۈك باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ، رايون توقۇنىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇساپىرلار كىرىزىسى قاتارلىق قارالمىلار باشلىقلار يىغىنىدىكى قىزىق تېمىلار بولۇشى مۇمكىن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2-دۇنيا ئۇرۇشى تۇمانلىرى ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈ ئۇرۇش قىلماسلىق ئارزسى يۈكلەنگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى»نىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا بولغان ۋەدىنى قايتا تەكىتلەش، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوغداش، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنى ئىنكار قىلىش، بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى»نىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى ئاساسىدىكى ھازىرقى زامان خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى مەزگىلىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئاساسىي تېمىسىدىكى مۇنازىرە ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇندىن باشقا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى ۋە ۋەكىللىرىمۇ ئادەتتىكى مۇنازىرە ۋە باشقا سورۇنلاردا مۇشۇ ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ كۆز قاراشلىرىنى شەرھىيلەيدۇ.

ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى 25-سىنتەبىردىن 27-سىنتەبىرگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا 2015-يىلىدىن كېيىنكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى رەسمىي ماقۇللايدۇ. قارالما 17 ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى ۋە ئالاقىدار 169 كونكىرېت نىشاننى قاپلايدۇ، بۇ نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقنى تۈگىتىش، ساغلاملىق، مائارىپ، جىنىس باراۋەرلىكى، سۇ ۋە مۇھىت تازىلىقى، ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككى يىلدىن كۆپرەك سۆزلىشىش ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 193 دۆلەت بۇ يىل 8-ئايدا 2015-يىلىدىن كېيىنكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى توغرىسىدا بىرلىككە كەلدى. 1-سىنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، بۇ قارالمىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لى باۋدۇڭ يېقىندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا 2015-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ماقۇللىنىپ، كەلگۈسى 15 يىلدا ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشىنى كۈتمەكتە.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق