باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>جۇڭگوغا نەزەر
ئاۋىياماتكا جۇڭگونىڭ يېڭىدىن قۇدرەتلىك دۆلەت بولىشىدىكى سەپلەنمە ئۆلچەممۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-26 11:05:35

ئېلىمىزنىڭ «لياۋنىڭ» ناملىق تۈنجى ئاۋىياماتكىسى 25- سىنتەبىر دېڭىز ئارمىيەسىگە رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم ۋە نورمال ھەرىكەت. بۇ ۋاقىتتا قىسمەن چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ جۇڭگونىڭ دېڭىز ئوكيانغا كېڭىيىش قارا نىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالىدۇ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلىقىنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ قارىدى.

بۇ خىل چۈشەندۈرۈش كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئازراقلا ھەرىكىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. ھازىر ئاۋىياماتكا قۇرۇلۇشىمۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا. قىسمەن دۆلەتلەر جۇڭگو ئارمىيەسى تەھدىت نەزەرىيەسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش مەقسىتىدە جۇڭگونى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى تارقىتىش كويىدا بولىۋاتىدۇ.

ئاۋىياماتكا ھازىر ئىنسانلار ئىگىلىگەن ياكى ئىشلەتكەن ئەڭ ئىلغار دېڭىز ھەربىي ئىشلىرى سەھنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر دۆلەتنىڭ ئۇنۋېرىسال دۆلەت كۈچى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ئەمەلىي كۈچىنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ دېڭىز ئوكيان ھوقۇقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كاپالىتى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە

.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق