باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>جۇڭگوغا نەزەر
ئەزىمەت رىشتى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-26 12:55:02

— جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، باش قورال-ياراغ ئىشتابى مەلۇم بازىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىن جۈندې توغرىسىدا

بۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈش:

كىشىلەر ئاغزىغا ئوكسىگېن خالتىسى كىيدۈرۈلگەن، بەدىنىگە ھەر خىل داۋالاش نەيچىلىرى ئورنىتىلغان، كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن بىر بوۋاينى كېسەلخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خىزمەت ئۈستىلىنىڭ يېنىغا يۆلەپ كەلدى...

بوۋاي خۇددى ئېغىر يارىلانغان خۇاڭ جىگۇاڭ ئېتىلىۋاتقان پىلىموتنى ئاخىرقى قېتىم توسۇشقا ئۆزىنى ئاتقاندەك خىزمەت ئۈستىلىگە ئېڭىشتى، بۇ كۆرۈنۈشكە بىر جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەيرەت-شىجائىتى مۇجەسسەملەنگەن ئىدى.

رەھىمسىز ۋاقىت بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىمغا ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت بېرىشكىمۇ بېخىللىق قىلدى. ئۇ خاتىرە دەپتىرىدىكى بەش تېزىسنىڭ مەزمۇنىنى تولدۇرۇشقا، كومپيۇتېرىدىكى بارلىق ئارخىپلارنى رەتلەشكە، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بىر-ئىككى ئېغىز تەسەللىي سۆز قالدۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى، بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاكادېمىك 2012-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 21 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى، ئۇنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدىن ئايرىلغىنىغا تېخى بەش سائەتلا بولغانىدى.

ئاخىرقى قېتىملىق تىرىشىش

ئاكادېمىك لىن جۈندې بىزدىن ئايرىلدى، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ ئاشۇ توختىماي ئىلگىرىلەپ تۇرىدىغان سىماسىنى قالدۇرۇپ كەتتى.

«مېنىڭ ياتقۇم يوق، يېتىپلا قالسام ئورنۇمدىن تۇرالمايمەن». 29-ماي، كېسەللىك ئەھۋالى تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ كەتكەن جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، باش قورال-ياراغ ئىشتابى مەلۇم بازىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىن جۈندې ئۆزىنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دوختۇرخانىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقىنى رەت قىلىپ، ئېغىر ئازابقا چىداپ، كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئىشلىدى.

52 يىل ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلىگەن، پەن تەتقىقات ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بۇ ئاكادېمىك ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدىمۇ يەنە نېمە ئۈچۈن خىزمەتكە شۇنچە ئالدىرايدۇ؟

يادرو تېخنىكىسى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئارقا تىرىكى. بىر ئۆمۈر يادرو تەجرىبىسى تۈر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان لىن جۈندې: نۇرغۇن ئىشلار ھاياتىمدىنمۇ مۇھىم، دەيدۇ.

2012-يىلى ئەمدىلا چاغان ئۆتۈشى بىلەن بازىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى توغرىسىدا يېزىلغان بىر پارچە ئۇزۇن خەت بازا قوماندانىنىڭ خىزمەت ئۈستىلىدە پەيدا بولدى. لىن جۈندى بۇ خېتىدە بەرگەن تەكلىپلەر دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى ۋە قورال-ياراغ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تولىمۇ مۇھىم ئىدى.

بازا ئۇنىڭ تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلغاندىلا، ئۇنىڭ يۈزىدە ئاندىن تەبەسسۇم ئەكس ئەتتى. ۋاھالەنكى، ئۇنى پىششىق بىلىدىغان بازا رەھبەرلىرى ئۇنىڭ تەبەسسۇمىدىن كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغان بىر خىل ھارغىنلىقنى ھېس قىلغانىدى... 4-ماي، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى خاتىرجەمسىزلىكنى دەلىللىدى: لىن جۈندېدىكى ئۆت نەيچىسى راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانىدى.

كىشىنى چۆچۈتىدىغان يەنە بىر خەۋەر شۇكى، لىن جۈندې ئوپېراتسىيە قىلىشنى رەت قىلغانىدى.

— مېنى تېزدىن ئىدارىگە قايتۇرۇڭلار، كومپيۇتېرىمدىكى ماتېرىياللارنى رەتلىۋالمىسام بولمايدۇ،-دېدى ئۇ. سۇغا كىرسە ئۇدا ئىككى سائەت توختىماي ئۈزەلەيدىغان، تېخى بۇلتۇرلا تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان لىن جۈندې ۋاقتىنىڭ يېتىشمەي قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.

تېخنىكا لايىھەسىنى رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر ئىدى. ئۇ بازىنىڭ قۇرۇلۇش تەتقىقات يولى توغرىسىدا نۇرغۇن پىكىر يازغانىدى، ئەگەر ھازىر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يازغانلىرىنى سىستېمىلاشقان ئومۇمىي لايىھە قىلىپ تۈزۈپ چىقمىسا، ئۇنىڭ ئاشۇ ئىلھاملىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چېچىلىپ كېتىپ، ئۇنى قايتىدىن تىزىپ چىقىشقا مۇمكىن بولمايتتى.

پەن تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ ئارخىپلاشتۇرۇش زۆرۈر ئىدى. ئەگەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ رەتلىمىسە، نۇرغۇن دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرى، ئىلغار تۈر ماتېرىياللىرى كۆز يەتكۈسىز ئارخىپ دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كېتەتتى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆزگەرتىش، باھالاش زۆرۈر ئىدى. ئۇنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئىككى ئوقۇغۇچىسى يېقىندا دېسسىرتاتسىيە ياقلايتتى، ئەگەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ باھاسى يېزىلمىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈشى تەسىرگە ئۇچراپلا قالماستىن، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىككى تەتقىقات تېمىسىنىڭ سۈرئىتىمۇ ئاستىلاپ كېتەتتى.

ئوپېراتسىيە ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتقان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇنىڭ كارىۋاتتىن چۈشۈپ داۋاملىق خىزمەت قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنى چۈشەنگەن لىن جۈندې دوختۇرلارنىڭ ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى قەتئىي رەت قىلدى. خىزمىتىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئۇ 23-ماي بېيجىڭدىن شىئەن تاڭدۇ دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلدى.

بۇ مەغلۇپ بولۇشى ئېنىق بولغان ئېلىشىش ئىدى بىر تەرەپتىكىسى، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان رەھىمسىز ئۆلۈم، يەنە بىر تەرەپتىكىسى، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئاغرىق ئىدى. ۋاھالەنكى، 75 ياشلىق بۇ پېشقەدەم ھەربىي ئەڭ ئاخىرقى ئاجىز ھايات نۇرى بىلەن كېسەلخانىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان ئاجايىپ نۇرلارنى جۇلالاندۇردى.

30-ماي چۈشتىن كېيىن، كارىۋاتتا ئىشلەش قولايسىز بولغان لىن جۈندې خىزمەت ئۈستىلىنى كېسەلخانىغا ئەكىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

31-ماي چۈشتىن ئىلگىرى تولىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن لىن جۈندې ئۆيىدىكىلەر ۋە داۋالاش خادىملىرىدىن كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئىشلەشنى ئارقا-ئارقىدىن توققۇز قېتىم ئۆتۈندى.

شۇنىڭ بىلەن، كېسەلخانىدا كىشىنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالىدىغان ئاشۇ كۆرۈنۈش نامايان بولدى: كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن لىن جۈندې كۆپچىلىكنىڭ يۆلىشىدە ئۆزىدىن نەچچە قەدەملا نېرىدىكى خىزمەت ئۈستىلىنىڭ يېنىغا كېلىپ ھاياتىدىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى...

ئىككى سائەتتىن كېيىن، ھوشىدىن كەتكەن لىن جۈندېنى كۆپچىلىك كۆتۈرگىنىچە كارىۋىتىغا ياتقۇزدى.

بەش سائەتتىن كېيىن، ئېلېكترو كاردىئوگراممىدىكى ھاياتلىق سىزىقلىرى ئېكراندىن مەڭگۈ ئۆچتى. بۇ ھەربىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقىغا خاتىمە بەردى.

ئالەمنى زىلزىلىگە سالغان ئىشلار

1964-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 15 تە، لوپنور كۆلىنىڭ ئىچكىرىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يادرو پارتلىتىش سىنىقى قىلىندى.

گۈمبەدەكسىمان تۇمان قۇملۇق ئاسمىنىغا كۆتۈرۈلدى، نەق مەيدان باش قوماندانى گېنېرال جاڭ ئەيپىڭ زۇڭلى جۇ ئېنلەيگە دوكلات قىلغاندا، زۇڭلى تېلېفوندا ئېھتىياتچانلىق بىلەن: يادرو پارتلىتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايسىلەر؟ دەپ سورىدى.

قوماندانلىق ئىشىتابى بىردىنلا جىمىپ كەتتى... رادىيوئاكتىپلىق تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش تېخى مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا، يادرو پارتلىغانلىقىنى قانداق قىلىپ تېزدىن مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟

«زەربە دولقۇن سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى پارتلاش 10 مىڭ توننا ئېكۋىۋالېنتلىق پارتلاش بولۇپ، يادرو پارتلىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ». بۇ ئېنىق سانلىق مەلۇمات دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يادرو تەجرىبەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى دەل ۋاقتىدا جاكارلىدى.

بۇ بىر گۇرۇپپا ئېنىق سانلىق مەلۇماتنى تەمىنلىگەن خاتىرىلەش مانومېتىرىنى 26 ياشلىق لىن جۈندې ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ياساپ چىققانىدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، غەرب يادرو چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ يادرو ئالدامچىلىقى، يادرو مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز يادرو قورالىنى مۇستەقىل راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەنى تاللاشنى قارار قىلدى. زەربە دولقۇنىنى ئۆلچەش يادرو قورالى ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلىش ۋە يادرو پارتلاش ئېكۋىۋالېنتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ئىدى.

1960-يىلى جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن لىن جۈندې ھەربىيلىككە قاتنىشىپ، جۇڭگو يادرو سىنىقى پەن تەتقىقات قوشۇنىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى.

ئىلگىرى لىن جۈندې بىلەن بىللە ئىشلىگەن ساۋ شۇشېڭ: «ئۇ مېخانىكىلىق خاتىرىلەش مانومېتىرىنى لايىھەلەشكە باشلىغاندا ھەممىمىز چوڭ ئۈمىد كۈتمىگەنىدۇق. تەجرىبە ئۈسكۈنىسى، تېخنىكا ماتېرىيالى يوق ئىدى، ھەتتا خاتىرىلەش مانومېتىرىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتۇق»، دېدى... 1963-يىلى 5-ئايدا، لىن جۈندې يەنە باشقا ئۈچ خىزمەتدىشى بىلەن بىللە جاپالىق بۆسۈشنى باشلىدى.

گاز باكى ۋە كومپرېسسور بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇلار ھاۋا ساقلىغۇچنى پاياتلاش ئۈچۈن ناسوس بىلەن يەل بەردى؛ چىشلىق چاق ئۇدۇل كەلمىگەندە بىر چىش بىر چىشتىن ئىكەكلىدى... ئاخىرىدا، پۇرژىنىلىق قوزغىتىلىدىغان سائەتلىك خاتىرىلەش مانومېتىرى يادرو پارتلاش توسالغۇسىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، يېنىك، قولايلىق، ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتى تولۇق، توغرا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ھەممەيلەننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

دۆلەت، مىللەتنىڭ ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئەسى ئىلغار تېخنىكىسىدا چوقۇم ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش زۆرۈر! تۇنجى قېتىملىق يادرو پارتلىتىشنى باشتىن كەچۈرگەن لىن جۈندې مەسئۇلىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، لىن جۈندې ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى كۆممىقوناق ئۇنىدا ئېتىلگەن تاماق ۋە قارىياغاچ يوپۇرمىقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىنىپ دۈملەپ پىشۇرۇلغان ھورنان يەپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ قورساقنى كۆپتۈرىدىغان سۈيىنى ئىچىپ، قىشتا سوغۇق، يازدا تونۇردەك قىزىپ كېتىدىغان گەمىدە ئۇخلاپ، توپىنى دۆۋىلەش ئارقىلىق ياسالغان سۇپىنى ئۈستەل قىلىپ ئىشلەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھاۋادىن تاشلىنىدىغان ئاپتوماتىك خاتىرىلىگۈچ، شارغا ئېسىپ قويۇلىدىغان ئاپتوماتىك خاتىرىلىگۈچ قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، مۇكەممەل بولغان يادرو پارتلاش زەربە دولقۇنىنى ئۆلچەش سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ يادرو پارتلىتىش سىنىقىنىڭ ئاتموسفېرادىكى زەربە دولقۇنى سانلىق مەلۇماتىنى سىستېمىلىق، مۇكەممەل خاتىرىلەپ، ئېلىمىزنىڭ يادرو سىنىقى بىخەتەر لايىھەسى، يادرو قورالىنىڭ پارتلاش كۈچىنى بېكىتىش ۋە يادرو پارتلاش ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالدى.

دۇنيا يادرو پارتلىتىش تارىخىدا، مۇنداق بىر گۇرۇپپا رەقەم خاتىرىلەنگەن: ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، نەچچە مىڭ قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى، فىرانسىيەمۇ 200 نەچچە قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى، جۇڭگو بولسا 45 قېتىملا يادرو سىنىقى قىلىپ، بېكىتكەن نىشانىغا يەتتى...بۇ قانداق سۈرئەت؟ دەل لىن جۈندېغا ئوخشاش كىشىلەر مۇشۇنداق سۈرئەتكە تىرەك بولغان.

ئۇنتۇلغۇسىز گۈل — مالەن

فۇجيەننىڭ يۇڭچۈن دېگەن يېرىدىكى ئېگىز تاغ باغرىدىن كەلگەن نامرات ياشتىن يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان يادرو سىنىقى قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى بولغىچە، لىن جۈندې ناھايىتى ئاددىي كىشىلىك تۇرمۇش يولىدا ماڭدى.

بازا تەتقىقات ئورنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىدا 52 يىل چىڭ تۇرۇپ ئىشلىشى، شۇنچىۋالا مۇھىم پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يارىتالىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ بارلىق زېھنى ۋە ۋاقتىنى خىزمەتكە بېغىشلىيالىغانلىقىدا. ئۇ قارتا ئوينىمايتتى، تاماكا چەكمەيتتى، ھاراق ئىچمەيتتى، پەن تەتقىقاتتىن باشقا ھېچ نېمىگە قىزىقمايتتى، ھېچقانداق تەلەپمۇ قويمايتتى. «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىمغا قىل سىغمايدۇ، بۇنىڭغا ۋىجدانىم گۇۋاھ». ئىلگىرى نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان لىن جۈندې يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئاددىي-ساددا دېھقان بالىسى ئۆز تەقدىرىنى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى بىلەن مەھكەم باغلىدى.

— لىن جۈندې بىلەن بىر ئۆمۈر تۇرمۇش كەچۈردۈم، ئۇنىڭ قەلبىدە خىزمەت باشتىن-ئاياغ بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى يادرو سىنىقىغا ئاتىۋەتكەنىدى، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى كېسەلخانىدا ياتقان ئاشۇ مەزگىل ئىككىمىز ئەڭ ئۇزاق بىللە تۇرغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ،-دېدى لى جۈندېنىڭ 45 يىللىق قەدىناس خوتۇنى خۇاڭ جيەنچىن.

ئۇ ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇپ ئازراق سەيلە قىلاتتى، ئاندىن خوتۇنى ئۆيگە قايتاتتى، ئۆزى ئىشخانىغا كىرىپ داۋاملىق خىزمەت قىلاتتى. بۇ لىن جۈندېنىڭ تۇرمۇشىدىكى نورمال ھالەت بولۇپ، چاغاندىمۇ ئۈچ كۈنلا ئارام ئالاتتى.

ئۆتكەن ئەسىردە ئىشلەپچىقىرىلغان كونا تېلېۋىزور، بىر تال ئۆزگەرتىپ ياسىۋالغان نوغۇش چىراغ، بىر يۈرۈش سافا... شىئەن شەھىرى ئەتراپىدىكى بۇ 90 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيگە كىرگەن كىشى ئۆينىڭ بىر ئاكادېمىكنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. تۇرمۇشتا «ئەپلەپ» كۈن ئۆتكۈزىدىغان لىن جۈندې خىزمەتتە ئىزچىل ئادەتتىن تاشقىرى ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان ئىدى.

لىن جۈندېنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ دوكتۇر مۇنداق دېدى: مۇئەللىم بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن يىل بويى سىناقنىڭ 1-سېپىدە ئالدىراش يۈرەتتى، ھەر بىر قېتىملىق تەجرىبىدىن كېيىن خۇددى ئاغرىقلارنىڭ كېسەل تارىخىنى تۇرغۇزغانغا ئوخشاش ئارخىپ تۇرغۇزۇپ چىقاتتى، بۇ ئىشنى نەچچە ئون يىلغىچە داۋاملاشتۇرغانىدى.

بازىدىكى خىزمەتداشلارنىڭ ھەممىسى لىن جۈندېنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتقا ئالاقىدار ھەرقانداق ئىشقا ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئىلگىرى كادىرلارنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا بىر نامزاتنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش پوزىتسىيەسىنى بىۋاسىتە تەنقىدلىگەن، يەنە دىسسىرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئامراق ئوقۇغۇچىسىدىن قىلچە يۈز-خاتىر قىلماستىن قايتا-قايتا سوئال سورىغان... بۇ نوپۇزلۇق ئاكادېمىكنىڭ قولىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە-سەككىز يىلدا ئاندىن ئۇنۋان ئالغىلى بولاتتى.

لىن جۈندې ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاندىن دوكتورلۇق دىسسىرتاتسىيەسىنى ياقلىغان تاڭ دوكتور: ئۇ بىزنىڭ ئىلمىي ياردەمچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزى بىلەن بىللە تېما ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزنى تەلەپ قىلاتتى، مۇئەللىم گەرچە ھەر يىلى چاغاندا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەتىلەپ كېلىشىگە يول قويمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى مېھرىبان ئىدى، دېدى.

ئاغرىپ كېسەلخانىدا يېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ بىزنى چاقىرىپ ماتېرىياللارنى كوپىيە قىلىۋېلىشقا بۇيرىدى، بىز شۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بىردىن ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەش پىلانى ۋە لايىھەسىنى، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى پىكىر ۋە مۇھاكىمىلەرنىمۇ خاتىرىلەپ ماڭغانلىقىنى بىلدۇق، دېدى تاڭ دوكتور ئەسلەپ. مۇئەللىمگە ئەگەشكەن تۇنجى كۈندىن باشلاپ، قىسقىغىنا ئۈچ-تۆت يىلدا مۇئەللىم ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىزلىرىنى ئىنچىكە، ئېنىق خاتىرىلەپ ماڭغان.

ماتېرىياللارنى كوپىيە قىلغاندا ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتۇق.

تاڭ دوكتورنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى لىن جۈندې ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ كۈنىدە تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ بەرگەن. بۇ 130 بەت، 80 نەچچە مىڭ خەتلىك ماقالىدە لىن جۈندېنىڭ قولى تىترىگەن ھالدا سالغان 338 قەلەم ئىزى قالغان، بۇمۇ ئاكادېمىكنىڭ ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى قەلەم ئىزى ئىدى.

ئالىيجانابلار ماختانمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، لىن جۈندې يېتەكچىلىك قىلغان ۋە تەربىيەلىگەن 23 ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپ قىسمى بازا ئىلمىي تەتقىقات تەجرىبىسىدىكى ئىلمىي باشلامچى ياكى تېخنىكا تايانچلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.

سەكراتتىكى لىن جۈندېنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى مالەنگە، ئۇ بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان چۆل-باياۋانغا قايتىش ئىدى.

ھۈپپىدە ئېچىلغان چۆل گۈلى سۇلدى. ھالبۇكى، لوپنۇر كۆلىدىن ئىبارەت بۇ رىۋايەتلەرگە تولغان چۆل-باياۋاندا ھەممە كىشىگە تونۇش بولغان «...ئۆتتى ياشلىقىمىز پۇشايمانسىز، ھاياتىمىز ئۆكۈنۈشسىز، ئۇنتۇماڭلار بۇ يەردە بار بىر تال گۈل، ئىسمىدۇر ئۇنىڭ مالەن»، دېگەن مەزمۇندىكى «مالەن قوشىقى» مەڭگۈ ئېيتىلىدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق