باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>جۇڭگوغا نەزەر
ئىلىمىزنىڭ ئۈچ خىل پاتېنتنى ئىلتىماس قىلىش سانى ئون مىليوندىن ئېشىپ كەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-28 14:23:00

دۆلەتلىك بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قوغداش ۋە ماسلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شياۋمىڭ 27-سېنتەبىر ھازىرغىچە ئىلىمىزنىڭ ئۈچ خىل پاتېنت يەنى كەشپىيات پاتېنتى، يېڭى تىپنى قوللىنىش پاتېنتى، سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھىلەش پاتېنتى ئىلتىماس قىلىش ئومۇمىي مىقدارى ئون مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بۇنىڭ ئىچىدە ئىلىمىزدە 30 پىرسەنت پاتېنت ھوقۇقدارنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەخلى تەرزگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ۋۇ شىياۋمىڭ مۇنداق دېدى: 1985-يىلى پاتېنت تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن باشلاپ بىز 28 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا نۆلدىن ئون مىليونغىچە بولغان مۇشۇنداق تارىخى ھالقىشنى تاماملاپ بولدۇق. بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى بۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە 1985-يىلى ئىلىمىزنىڭ ئۈچ خىل پاتېنتنى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى ئاران 14 مىڭ بولۇپ، 2011-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان كۆپىيىپ بىر مىليون 410 مىڭدىن كۆپىرەككە يەتكەن.

ۋۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى ئاجىز ھالقا. ئەڭ يېڭى تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە ئىلىمىزدە 30 پىرسەنت پاتېنت ھوقۇقدارنىڭ ھوقۇقى دەخلى تەرزگە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 10 پىرسەنت كىشى ھوقۇقىنى قوغداش تەدبىرى قوللانغان. بۇ يىل يانۋاردىن ئىيۇلغىچە مەملىكەت بويىچە بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسى بىر تەرەپ قىلغان تۈرلۈك پاتېنت دېلوسى 2248 بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 13 پىرسەنت ئاشقان.

ھوقۇققا دەخلى تەرز قىلىش ۋە ساختا ناچار پاتېنت قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن دۆلەت بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى 2011-يىلىنىڭ ئاخىرى پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، بۇ يىل 10-ئاۋغۇست جەمئىيەتكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاتېنت قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى» ھەمدە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىزاھاتىنى ئېلان قىلدى. ۋۇ شياۋمىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭيۈەن شەھىرىدە ئېچىلغان مەركەز كارخانىلىرى بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: مەزكۇر لايىھىنى تۈزۈش جەريانىدا ئاساسلىقى پاتېنت قانۇنىنىڭ 60- ماددىسى، 64 -ماددىسى ھەمدە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ 79- ماددىسى، پاتېنت ھوقۇقىقا دەخلى تەرز قىلىش قىلمىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، تۆلەم سوممىسى ھۆكۈم قىلىش، مەمۇرىي جازا بېرىش، تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلىش سۇبيېكتىنىڭ دائىرىسى قاتارلىق مەزمۇنلار چۆرىدەلگەن ھالدا تەكشۈرۈش تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پىكىرى داۋاملىق ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، 11-بەش يىلدىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق پاتېنت كۆرسەتكۈچىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى 35 پىرسەنتدىن يۇقىرى بولغان، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە مەركەز كارخانىلىرى ئىگە بولغان ئۈنۈملۈك پاتېنت 140مىڭدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 28.3 پىرسەنتكە يەتكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق