باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>جۇڭگوغا نەزەر
جۇڭگودىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 274 مىليونغا يەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-01 17:03:59

 

 

2015-يىلى 28-فېۋرال، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىگە ئائىت ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. گوۋۇيۈەن دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ جىمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، دېھقان ئىشلەمچىلەر ھازىر جۇڭگودىكى كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلانغان، ھازىر مەملىكەت بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 274 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا چىققان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 168 مىليون بولۇپ، سىرتقا چىققان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2864 يۈەنگە يەتكەن.

2014- يىلى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا بەش مىليون 10 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن، كۆپىيىش نىسبىتى %1.9 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا چىققان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 168 مىليون بولۇپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى مىليون 210 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن. سىرتقا چىققان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 255 يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %9.8 بولغان.

سۈرەتتە: 2015- يىلى 1- ئاي، بىر قانچە دېھقان ئىشلەمچى بېيجىڭنىڭ CBD مەركىزىي رايونىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئاپتوموبىل ساقلىماقتا.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق