باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>جۇڭگوغا نەزەر
بىر بەلباغ، بىر يول ئارزۇسى (1)
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل | يوللانغان ۋاقىت:2015-04-13 17:59:12

 

ئۆتكەن يىلى 18-نويابىر روژدېستۋا بايرىمىلىق سوۋغىلار لىق قاچىلانغان بىر يۈك پويىزى جېجياڭنىڭ يىۋۇدىن يولغا چىقتى، بۇ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ تاللا بازار- جۇڭگو يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدىن يولغا چىققان «يىۋۇ- مادېرت» مەخسۇس پويىزى ئىدى. بۇ پويىز شىنجاڭ ئارقىلىق قازاقىستان، رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 7 دۆلەتتىن ئۆتۈپ، 21 كۈندىن كېيىن ئىسپانىيەنىڭ مادېرتقا يېتىپ باردى، پۈتۈن ياۋروپانى دېگۈدەك كېزىپ، 13 مىڭ 52 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ھاۋا يولىدا توشۇغاندىن ئەرزان، سۇ يولىدا توشۇغاندىن تېز بولغان مەخسۇس پويىز تىرانسپورتى لىنىيە بويىدىكى سودىگەرلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، يىۋۇ، شىنجاڭ، ياۋروپا تۆمۈر يولىنىڭ ئېچىلىشى شەك شۈبھىسىزكى بۇندىن بىر يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر بەلباغ، بىر يول پىلانى ئارزۇسىغا قاراپ بېسىلغان ئەمەلىي قەدەم. 2013-يىلى 7-دېكابىر دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستاننىڭ نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش تەشەببۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئاندىن كېيىن 3-ئۆكتەبىر جۇڭگو 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالاش تەشەببۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسى بۇنىڭ بىلەن شەكىللەندى. 2 مىڭ يىل بۇرۇنقى يىپەك يولىغا يېڭى مەزمۇن ۋە بۇرۇچ قوشۇلدى. قازاقىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىدرېسوف مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو دۇنيا بىلەن نەچچە يۈز يىل ئايرىلىپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى دۇنياغا قايتا ئېلىپ كىردى ھەمدە بۇ ئارقىلىق پۈتۈن ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىنى جانلاندۇردى.

ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر ناھايىتى تېزلا ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ، زۇڭلى لې كېچياڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 20 نەچچە دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە ئىجابىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى؛ قىسمەن دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن بىر بەلباغ، بىر يولنى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، يىۋۇ، شىنجاڭ، ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر توپ شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. ئۆتكەن يىلى بىر بەلباغ، بىر يول ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت قىلىدىغان يىپەك يولى فوندى سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا رويخەتكە ئالدۇردى. ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىۋاتقان ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى تۇنجى تۈركۈمدە قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتلەر 2013-يىلى 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئەھدىنامە ئىمزالىدى، لائوسنىڭ مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى باتىيا ئەھدىنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: لائوسنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا بولغان مەبلەغ ئېھتىياجى كۆپ، بىز ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىزنى مەبلەغ سالىدىغان رايون قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى، جۈملىدىن بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى كۈتمەكتىمىز.

28-مارت دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى « يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى »نى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ تۇنجى پىلانىنى تۈزدى. تەشەببۇستىن ئارزۇسىغا ھەمدە ھەرىكەتكىچە بۇندىن 2 مىڭ يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن تارتىپ تارقىلىپ كەلگەن مەدەنىيەت، بايلىقتىن ئورتاق پايدىلىنىپ كەلگەن قەدىمىي يىپەك يولى يېڭى باھارنى كۈتۈۋالدى. قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز ئوكيانغىچە، 60 نەچچە دۆلەت، 4 مىليارد 400 مىليون نوپۇسنى قاپلىغان بىر بەلباغ، بىر يول يۆگىمە رەسمىي پايدىن-پەي ئېچىلماقتا.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق