باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>جۇڭگوغا نەزەر
يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردا ئادىمىيلىك جۇلالىنىپ، ئۈمىد يولىغا نۇر چاچماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن | يوللانغان ۋاقىت:2015-04-27 16:50:23

 

25-ئاپرېل چۈشتە نېپالدا 81 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق يەر تەۋرىدى. ھازىرغىچە نېپال ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەشتە 2460 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 4647 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

جۇڭگونىڭ شىزاڭ، ھىندىستان، بېنگال، بۇتان قاتارلىق جايلارمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زەربىگە ئۇچراپ، ئۆلۈم-يېتىم بولدى.

نېپال ھۆكۈمىتى تەۋەسىدىكى 29 رايوننى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايون دەپ جاكارلىدى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى.

نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇ يەر تەۋرەش مەركىزىگە 75 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ، ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئېغىر ۋەيران بولدى. ئەمما جاسارەتلىك نېپال خەلقى بۇ قېتىمقى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قورقۇپ قالمىدى.

كىشىلەر بىخەتەرلىك قىسمى، ساقچىلار ۋە كەسپىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى باشچىلىقىدىكى ئاختۇرۇش ھەرىكىتىگە ئۆزلۈكىدىن قاتنىشىپ، خارابىلىك ئىچىدە خىش، تاش پارچىلىرىنى ئىككى قولى بىلەن كولاپ، ھايات قالغۇچىلارنى ئىزدىدى.

بەزى كىشىلەرنىڭ قوللىرى قاناپ كەتتى، خىش، تاش پارچىلىرى قان داغلىرى بىلەن تولدى، ئەمما ھېچكىم ئاغرىدى، دەپ ۋايسىمىدى، ھېچكىم چېكىنمىدى.

ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ھەممە ياقنى يىغا-زارە قاپلىدى، ئەمما ئۇنچە كۆپ سۈرەن-چۇقان بولمىدى. بۇ خىل يىغا ئارىلاش سۈكۈتكە غايەت زور غەيرەت-جاسارەت يۇغۇرۇلۇپ كەتتى.

بۇنداق مەنزىرە ئېلىمىزدىمۇ بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋېنچۈەن، يۈشۇ، لۇشيەن قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن جۇڭگو خەلقى بۇ قېتىم ئاپەتكە ئۇچرىغان نېپال خەلقىنىڭ ئازابىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. شۇڭا جۇڭگولۇقلار ئاكتىپ ھەرىكەتكە كەلدى:
-رەئىس شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ نېپال رەھبەرلىرىگە تېلېگرامما يوللاپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىدارلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى؛
-جۇڭگو خەلقئارا ياردەم ئەترىتى كاتماندوغا بېرىپ، دەرھال ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى؛
-جۇڭگو ھۆكۈمىتى جىددىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاپ، نېپالدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلارغا يەتكۈزۈپ بەردى؛
-جۇڭگودىكى بىر قىسىم كارخانىلار، ئاپپاراتلار ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلارغا پۇل ۋە مال-مۈلۈك ئىئانە قىلىشقا تەشكىللىدى.
-جۇڭگودىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ياردەم ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
......

26-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن كاتماندۇ ترىبۋان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، نېپال زۇڭلى ۋە مىنىستىرلار كېڭىشى ئىشخانىسىنىڭ بىرلەشمە كاتىپى كويىرالا جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى كۈتۈۋالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان نېپالغا نىسبەتەن، جۇڭگونىڭ ياردىمى ۋە مەدىتى ھەقىقەتەن جايىدا بولدى.

ھايات-ماماتلىق قۇتقۇزۇشى ئەزرائىل بىلەن بەسلەشكەنلىك، 72 سائەتلىك ئالتۇن قۇتقۇزۇش ۋاقتى ئىچىدە مىنۇت-سېكۇنت قوغلىشىپ قۇتقۇزۇش كېرەك. نېپالدىكى قۇتقۇزۇش كۈچلىرى چەكلىك بولغاچقا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە قۇتقۇزۇشىغا موھتاج.

ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېپالنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قالدۇق يەر تەۋرەش ئۈزۈلمەي داۋام قىلماقتا. ئاپەت ئىچىدە، ئادىمىيلىك تېخىمۇ جۇلالانماقتا، سەمىمىيەت ۋە غەمخورلۇق ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتماقتا.

ئازابىمىزنى يۇتۇپ، كۆز ياشلىرىمىزنى سۈرتۈپ، ئالغا قەدەم تاشلايلى، ئۈمىد دەل ئالدىمىزدا!

 

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق