باش بەت<<خەۋەر مەركىزى<<سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى ئاۋىياماتكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىشىگە رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-09-26 10:51

مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش

مەملىكىتمىزدىكى تۇنجى ئاۋىياماتكا ـــ «لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى» 25-سېنتەبىر جۇڭگو پاراخوت ئېغىر سانائەت گۇرۇھى شىركىتى داليەن كېمىسازلىق زاۋۇتىدا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىشىگە رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلدى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ مۇراسىمغا قاتناشتى، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەبرىكنامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار  كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇ، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى ما كەي، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش قورال-ياراغ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چاڭ ۋەنچۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى ۋۇ شېڭلى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە كۆزدىن كەچۈرۈشتە بىللە بولدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
图片新闻