باش بەت<<خەۋەر مەركىزى<<سۈرەتلىك خەۋەرلەر

23-نۆۋەتلىك جۇڭگو يېپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-23 16:46

تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، 23-نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆمەرجان مەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلماقتا

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى: (مۇخبىر ئوسمانجان يۈسۈپ، ماخپال كوممۇنىسخان)

23-نۆۋەتلىك جۇڭگو يېپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى بېيجىڭ ۋاقتى 23-ئاۋغۇست پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بايرامدا 100 خىلدىن ئارتۇق ئۈزۈم سورتى شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مېھمانلارغا كۆرگەزمە قىلىندى. ھازىرغىچە 22 نۆۋەت ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى بۇ يىل تۇنجى قېتىم بېيجىڭ، شاڭخەي، چاڭشا قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئېلىپ بېرىلىپ، تۇرپاننى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇتۇش، ساياھەتچىلەر، مەبلەغ سالغۇچىلارنى تۇرپانغا جەلب قىلىش، تۇرپاننىڭ ساياھەتچىلىكى ۋە ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
图片新闻