باش بەت<<خەۋەر مەركىزى<<سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ياش رىياسەتچىسى نىجاد ۋەلى ياقۇپ «مۇز چېلەك» پائالىيتىگە قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-25 10:09

 

 
«مۇز چېلەك» پائالىيىتى تارقالغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلىرىمىز بىر بىرىگە رىقابەت ئېلان قىلىپ ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى، خەير- ساخاۋەت ئەلچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا چىمبۇلاق تورىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرمۇھەممەد پىدانىڭ چاقىرىقى بىلەن مۇز چىلەك پائالىيتىگە قاتنىشىپ،  ئىستانسىمىزدىكى تالانتلىق ياش رىياسەتچى نىجاد ۋەلى ياقۇپنى خەلقئارالاشقان «مۇز چېلەك» پائالىيىتى رىقابەتىگە چارقىردى، نىجاد ۋەلى ياقۇپ چاقىرىقنى قوبۇل قىلىپ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە يەنە ئۈچ نەپەر داڭلىق شەخسنى كېيىنكى رىقابەتكە چاقىردى.
 
نىجاد ۋەلى ياقۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىستېداتلىق رىياسەتچىسى نىغمەت راخمان، كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق ياش ناخشىچىمىز كېرەم ئابباس ھەمدە مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتاسىنىڭ مۇدىرى ئۆز كەسىپدىشى، رەھبىرى نىجاد ئابدۇقادىرنى 24 سائەت ئىچىدە مۇشۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا چاقىردى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ شەخس رىقابەتنى قوبۇل قىلارمۇ؟ ياكى نىجاد ۋەلى ياقۇپ دېگەندەك 100 ئامېرىكا دوللىرىنى شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلارمۇ؟
 
  
 
 

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
图片新闻