باش بەت<<خەۋەر مەركىزى<<سۈرەتلىك خەۋەرلەر

سەنيادىكى يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ باجدىن خالىي مال سېتىۋېلىش مەركىزى 1-سېنتەبىر تىجاەت باشلايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-28 10:55

 

25-ئاۋغۇست، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى يەر ئۈستىگە ئۈچ قەۋەت قىلىپ سېلىنغان، 70 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ باجدىن خالىي مال سېتىۋېلىش مەركىزى «سەنيا خەيتاڭۋەن باجدىن خالىي مال سېتىۋېلىش مەركىزى»نى زىيارەت قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، «خەيتاڭۋەن باجدىن خالىي مال سېتىۋېلىش مەركىزى»نى جۇڭگو «گوزۇ» گۇرۇھى 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ بەرپا قىلغان بولۇپ، 1-سېنتەبىر رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ سودا سارايغا باجدىن خالىي ياكى خالىي بولمىغان ماللارنى سېتىۋېلىش، غىزالىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق تۈرلۈك كەسىپلەر توپلاشقان بولۇپ،كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، سومكا، گىرىم بۇيۇملىرى، قول سائىتى، ئاپتاپ توسۇش كۆزەينىكى قاتارلىق 21 تۈردىكى 300دىن ئارتۇق خەلقئارا داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار سېلىنغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
图片新闻