باش بەت<<خەۋەر مەركىزى<<سۈرەتلىك خەۋەرلەر

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-30 17:46

 

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى خەۋىرى:

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 30-ئاۋغۇست سائەت 9:00 دا خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى.  4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، باش كاتىپى لى جىڭيۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 1-سىنتەبىر رەسمىي ئېچىلىدۇ. كۆرگەزمىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرى پۈتتى، «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» بۇ يىللىق جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى. 1. جۇڭگو ۋە چەتئەل رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىشنىڭ خەرىتىسىنى بىرلىكتە سىزىدۇ. 2. باش مۇنبەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئالىي مۇنبەرلەر «بەش ئالاقە»نى چۆرىدىگەن ھالدا ھەمكارلىشىپ، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. 3. دۇنيادىكى بەش قىتئەدىن كەلگەن نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. 4. قاتناش، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ئىستىراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭ ئامىلىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان كەسپلەر كۆرگەزمە قىلىنىپ، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالى نامايەن قىلىنىدۇ. 5. ساراي، شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سېستىمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش يولىدىكى زور قىزغىنلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
图片新闻