باش بەت<<خەۋەر مەركىزى<<سۈرەتلىك خەۋەرلەر

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تاراتقۇلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-31 23:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى خەۋىرى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 31-ئاۋغۇست يەرشارى خەلقئارا مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن زالىدا « يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتىكى، تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە پۇرسىتى» باش تېما قىلىنغان 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تاراتقۇلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەر: 1. «يېڭى تاراتقۇ مۇھىتىدىكى ئاسىيا-ياۋروپا ئەللىرى تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى»نى باش تېما قىلغان ئاگېنتلىق گېزىت تارماق مۇنبىرى 2. «خەلقئارا ھەمكارلىق: ئۇچۇرلاشقان يېپەك يولى قۇرۇش»نى باش تېما قىلغان رادىيو-تېلېۋىزىيە تارماق مۇنبىرى. 3. «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى: ژۇرنال ھەمكارلىقىدىكى يېڭى نەزەر دائىرە»نى باش تېما قىلغان ژۇرنال تارماق مۇنبىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق مۇنبەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، رادىيو-تېلېۋىزىيە تارماق مۇنبىرى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 14:00 دىن 17:00 گىچە يەرشارى خەلقئارا مېھمانسارىيىنىڭ خېلەنشەن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جۇڭگو مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى چەتئەل تىلى قانىلىنىڭ مۇئاۋىن نازارەتچىسى قوشۇمچە رۇسىيە خەلقئارا قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى دىڭ يوڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
图片新闻