باش بەت<<خەۋەر مەركىزى<<سۈرەتلىك خەۋەرلەر

كروراندا «قوش بايرام»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-09-04 11:04

 

ئازات سۇلتان مۇھىم سۆز قىلماقتا.

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-سېنتەبىر كورلا خەۋىرى (مۇخبىر پولات ئاماننۇرى، ئىختىيارىي مۇخبىر پولات نىياز فوتوسى):

«دەۋر مېلودىيەسى — شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتى ۋە «ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران شېئىر ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 2-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتور يېتەكچىسى، ئەدەبىياتشۇناس ئازات سۇلتان؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئابلا؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى مەمتىمىن ھوشۇر؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇت توختى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ گوچىڭ؛ شۇنداقلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەدىبلەر، شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
图片新闻