باش بەت<<خەۋەر مەركىزى<<سۈرەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-10-10 14:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گېرمانىيە فېدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى مېركىلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن باش مىنىستىر لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 9-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بىرلىن تايگىر ھەربىي ئايرودرومىغا يېتىپ بېرىپ گېرمانىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 3-ئايدا جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ھەر قايسى تەرەپلىك ئىستراتىگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى تۇرغۇزدى. ھازىر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى قاتلام دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتى، كۆلىمى مىسلىسىز سەۋىيەگە يەتتى. مەن گىرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى، ئىستراتىگىيەلىك ئىشىنىش ، ئىقتىساد سودىنى پىلانلاش، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەلئارا دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىدا يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى كۈتۈۋاتىمەن.

كېيىنكىسى
图片新闻