باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

فىيونا ستاگېرنىڭ «پۇتىننى ئوڭدا سېلىش» مايكىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-11-15 16:48

 

مايكىنىڭ ئالدىغا پۇتىننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلۈپ «ئوڭدا سېلىش» دەپ يېزىلغان

نويابىرنىڭ 15-16-كۈنلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئاۋسترالىيەنىڭ پورت شەھىرى برىسباندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يىغىن تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈردى، ئەمما بۇ يىغىننى قارشى ئېلىش ئۈچۈن قانداق كىيىم كىيىش كېرەك؟ ئاۋسترالىيە «برىسبان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر قانداق قىلىپ پۇتىن ياكى ئەببوتنى مازاق قىلىش ئۈستىدە ئويلانماقتا. برىسبان كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى فىيونا ستاگېر بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى بىر ئىش ئويلاپ چىقتى. ئۇنىڭ «جۈمەلىك ئوڭدا سېلىش (Shirt Front Friday)» ناملىق مايكىسىنى كەيسىڭىز بۇ ھەم پۇتىننى، ھەم ئەببوتنى مازاق قىلىش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر