باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ فېرگۇسوندا قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-11-26 11:27

 

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 24-نويابىر كەچتە ئامېرىكىنىڭ چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى قارا تەنلىك ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچىنى ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، فېرگۇسون قاتارلىق جايلاردا نامايىش ئېلىپ بېرىلىپ، ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققان، كوچىلاردا توختىماستىن ئىس – تۈتەك بومبىسى، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، تاش قاتارلىقلار ئېتىلىپ تۇرغان، نامايىشچىلار ساقچىلارنى مەسخىرە قىلىشقان، كوچىدىكى دۇكانلارنىڭ ئەينەكلىرىنى چاققان، ئۆيلەر ۋە ئاپتوموبىللارغا ئوت قويغان، فېرگۇسوندىلا كەم دېگەندە 61 كىشى قولغا ئېلىنغان . ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ باشلىقى جاي نىكسون 25 – نويابىر يەنە بىر قېتىم بايانات ئېلىپ قىلىپ، شۇ كۈنى كەچتە فېرگۇسونغا داۋاملىق تۈردە ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ، تېخىمۇ زور كۆلەملىك نامايىش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر