باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شامالباغ بازىرىدا دېھقان ئاياللارنىڭ كىيىم مودېل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-03-17 16:13

 

 

 

سۈرەتتە: دېھقان ئاياللار مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى نامايان قىلماقتا

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى:

قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ بازىرى يېقىندا «يەلپۈنسۇن سۇمبۇل چاچلىرىڭ، نۇرلانسۇن ئايدەك يۈزلۈرۈڭ» تېمىسىدا دېھقان ئاياللارنىڭ كىيىم مودېل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، بازارغا قاراشلىق 14 كەنتتىن كەلگەن 238 نەپەر دېھقان ئايال ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى نامايان قىلدى. ئاخىرىدا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئاياللار مۇكاپاتلاندى.

 


ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر