باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

تەقدىرىنى بىلىم بىلەن چىڭ تۇتقان ياش-ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-09-15 17:00

 

 

  

 

ئىستانسىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇتۇق قازانغان شىنجاڭلىقلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلغان «ئىچكىرىدىكى تەڭرىتاغ پەرزەتلىرى» سەھىپىمىزدە بىز بۈگۈن ئۆز مۇخبىرىمىز ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىمنىڭ جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك باش شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تەربىيەلەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىمنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن «پايتەخت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر دوكتۇر-ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم» ماۋزۇلۇق خەۋىرىنى ئاڭلىتىمىز.

مەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ بىر مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان پايتەخت بېيجىڭدا ۋە دىيارىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرىنى زىيارەت قىلدىم. مەن زىيارەت قىلغان كىشىلەر ھاياتنىڭ تېنىمسىز دولقۇنلىرىدا چۆكۈپ كەتمەي، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆز كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان كىشىلەر ئىدى. كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىش، ئەجرىنىڭ مېۋىسىنى تېتىشقا ئالاقىدار ئوقۇغان نۇرغۇن كىتابلار ئىلگىرىلىشىمىگە روھىي جەھەتتىن مەدەت بولغان بولسا، مەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان، ئۇتۇق قازىنىش تەجرىبىلىرىنى بىۋاستە سورىغان ياكى بىۋاستە كۆرگەن زىيارەت ئوبېيكتلىرى مېنىڭ ھاياتنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشىمگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى. كىتاب ئوقۇپ ۋە ئۇتۇق قازانغانلارنى زىيارەت قىلىپ، شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، بەدەلسىز تائام، ئەجرىسىز نەتىجە بولمايدىكەن. ھەر قانداق بىر ئادەم ياكى بىر توپنىڭ رىئال ھاياتىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى شۇ ئادەم ۋە شۇ توپنىڭ قىيىنچىلىققا تۇتقان پوزىتسىيەسى، شۇ قىيىنچىلىقنى قانداق يېڭىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. دوكتۇر زەپەر ئابلىزنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ ماڭا «مەن كۈنىگە 16 سائەت ئىشلەيمەن» دېگەن ئىدى. دوكتۇر مەدىنە ئابلىكىمنى زىيارەت قىلغاندا «ئەنگلىيەدىكى ئوقۇش ھاياتىمدا كېچىسى فورمۇلا ئىشلەپ، كىتاب ئوقۇپ، تالاي قېتىم تاڭنىڭ قانداق ئېتىپ كەتكىنىنى بىلمەي قالاتتىم» دېگەن ئىدى. دوكتۇر ياسىن ھوشۇرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرگىنىمدە تورۇسقا تاقاشقان تۆت تام كىتاب جازىسىدا لىق كىتاب بولغاندىن سىرت، كىتابلارنىڭ تولىلىقىدىن ماڭا بۇ ئۆيدە دەسسەيدىغانغا يەر، ئولتۇرىدىغانغا ئورۇن يوقتەك بىلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ سافادىكى بىر دۆۋە كىتابنى باشقا يەرگە جايلاشتۇرۇپ قويۇپ مېنىڭ «ياسىن ئاكا، مۇشۇ كىتابلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇيدىغان گەپمۇ؟» دېگەن سوئالىمغا كۈلۈپ تۇرۇپ، «ئوقۇماي بولمايدۇ، ئوقۇمىساق قانداق تەتقىقات قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. دوكتۇر دولقۇن قادىر «مەن كىتاب ئوقۇپ، ئۆگىنىش قىلىپ، شاۋقۇن-سۈرەندىن خالىي قانچە بۇلۇڭغا كىرىپ كەتكەنسېرى ئۆزۈمنىڭ ھامان بىر كۈنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن» دېگەن ئىدى. دوكتۇر ئېلىجان تۈرەك «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلاردا ياتاقنىڭ توكى بالدۇرلا ئۆچۈپ كېتەتتى. مەن خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كارىدورغا چىقىپ، تالاي كېچە ئۆگىنىش قىلاتتىم. كۈندۈزى يەنە سەھەر تۇرۇپ، تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئىشلەيتتىم» دېگەن ئىدى. مانا مۇشۇنداق تىرىشچان ئالىملار، دوكتۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا، ئوقۇرمەنلەرگە، تورداشلارغا ئۇلارنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىلىمگە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ۋە تىرىشچانلىق روھىدىن داۋاملىق ئۆگىنىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر