لى كېچياڭ 13-بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش بويىچە دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
0
2015-12-09 14:58:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

 

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-دېكابر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا بېرىپ تەكشۈردى ھەمدە 13- بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى ئۈستىدە دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى پىلانى تۈزۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سىتىكلىتىز، دۇنيا بانكىسىدىن خوفمان ، مىكىنسېي شىركىتىدىن ۋوئىتزېل قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 13 –بەش يىللىق پىلاندا مەركەزنىڭ تەكلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل، ئېچىۋىتىلگەن ، تەڭ بەھرىلىنىدىغان تەرەققىيات يېڭى ئىدىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش لازىم. بۇ قېتىم گوۋۇيۈەن بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىشىنىڭ ئۆزى پىلاننى تۈزۈشتە مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتىش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، ھەم خەلقئارا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئوتتۇرا كېرىملىك باسقۇچتىن ئاساسىي جەھەتتىن ھالقىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

 

W020151210616263359065.jpg
W020151209541046453839.jpg
لى كېچياڭ 13-بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش بويىچە دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى