رۇسىيە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى تاپتى
0
2015-12-09 16:46:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

 

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-دېكابر بېيجىڭ خەۋىرى:

خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ 8- دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيەنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن سۇ 24 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى تېپىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشچە: رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شىياگو شۇ كۈنى زۇڭتۇڭ پۇتىنغا ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇ 24 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشكەن جايدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنى يوقاتقاندىن كىيىن ئاندىن قارا قۇتىنى ساقلاپ قىلىپ، ئەڭ ئاخىردا سۇرىيە ئارمىيەسى رۇسىيە تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەرگەن. پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە بارلىق تەپسىلاتلارنى بىلىشى كېرەك ، ھەمدە سۇ 24 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سۈرئىتى، ئېگىزلىكى قاتارلىقلارنى بولۇپمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ نەدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچۇپ تاكى ئېتىپ چۈشۈرۈلگۈچە بولغان بارلىق تەپسىلاتلارنى دۇنياغا جاكارلاش كېرەك . ئۇ يەنە، قارا قۇتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرگە تەھلىل قىلىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

 

W020151210616263359065.jpg
رۇسىيە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى تاپتى
W020151209541046453839.jpg