مىسىرنىڭ دىنى ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتنىڭ سۆزىنى ئەيىبلىدى
0
2015-12-09 16:54:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

 

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-دېكابر بېيجىڭ خەۋىرى:

مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇسى بولغان ئەل ئېھرام گېزىتى تور بېكىتىنىڭ 8- دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، مىسىرنىڭ دىنى ئورگىنى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش كومىتېتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تاڭناد تىراپۇرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسىغا كېرىشىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش كېرەك دېگەن سۆزىنى ئەسەبىي ۋە ئېرىقچىلىق تۈسىگە ئىگە دەپ ئەيىبلىدى.

بۇنىڭغا قارتا، ئاق ساراي باياناتچىسى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: تىراپۇرنىڭ سۆزى ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارشى ۋە مەنپەئەتىگە زىت. ئۇندىن باشقا تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، تىرانپۇرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كېرىشىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شوئار مۇتەسىپ سايلىغۇچىلار ئىچىدە قوللاشقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت، چۈنكى بۇ سايلىغۇچىلار ئۇنىڭ ئابرۇيىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

 

W020151210616263359065.jpg
مىسىرنىڭ دىنى ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتنىڭ سۆزىنى ئەيىبلىدى
W020151209541046453839.jpg