قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى شىنجاڭغا قايتىپ باردى
0
2015-12-10 16:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-دېكابر بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل 8-ئاۋغۇست 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنى يىغىش ھەم مەشئەل يەتكۈزۈش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى، تۆت ئايلىق توردا يەتكۈزۈش ئارقىلىق، مەشئەل خاربىن، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونى قاتارلىق 33 شەھەردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بەش مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يەتكۈزۈشى ئارقىلىق، ئاخىرىدا شىنجاڭغا قايتۇرۇپ كېلىندى. 9-دېكابىردىن كېلەر يىلى 20-يانۋارغىچە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى شىنجاڭدا يەتكۈزۈلىدۇ.

تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈشتە توردا يەتكۈزۈش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى ئارقىلىق مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

W020151210616263359065.jpg
قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى شىنجاڭغا قايتىپ باردى
W020151209541046453839.jpg