مېدىتسىنا تارىخىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 7 ئوپېراتسىيە
0
2016-07-13 13:35:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خدۇابەردى

 

1. ئەڭ مۇرەككەپ بولغان يۈز قىسمىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى

ئۈستىدىكى رەسىم بولسا بىمارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى سۈرىتى. بۇ بىمار ئارتېرىيە-ۋېنا غەيرىيلىكى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ كېسەل ئۇ بىمارنى 20 يىل ئازابلىغان. بىمارنىڭ يۈز قىسمىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، 45 نەپەر دوختۇر ۋە سېسترالار 27 سائەت يۈز كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، بىمارنىڭ پۈتۈن يۈزى، بوينى، ئېغىزى، تىلى ۋە گېلى قاتارلىق ئەزالىرىنى قايتىدىن جايلاشتۇردى. گەرچە بۇ خىلدىكى يۈز كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى 2010-يىلى بىرىنچى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ئوپېراتسىيە ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپ. ھەم ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىمارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان. ھازىر ئۇ پەقەت قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا كېلىپ زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارسىلا بولىدۇ.

2. باش سۆڭىكى ۋە باش تېرىسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى

2006-يىلى، ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى James Boyson ئىسىملىك بىر ئەرگە، سىلىق مۇسكۇل گۆش ئۆسمىسى دەپ دىياگنوز قويۇلغان. بۇ خىلدىكى يامرىشى ناھايىتى تېز بولغان راك ھەم چىرىتىش خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان بۇ كېسەل داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ناھايىتى يۇقىرلىتىۋەتكەن. بۇ كېسەل سەۋەبلىك ئۇ باش سۆڭىكىنىڭ بىر قىسمى ۋە باش تېرىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ھەم ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى ئەڭ تۆۋەن قوغداش ھالىتىگە كېلىپ قالغان. ھيۇستوندىكى مېتودىست دوختۇرخانىسى جامېسنىڭ باش سۆڭىكى ۋە باش تېرىسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يېڭى ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيە ناھايىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. بۇ بىمارنىڭ مەسئۇل دوختۇرى، داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى Michael Klebuc مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئوپېراتسىيەنى تاماملىغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. بۇ ئوپېراتسىيە ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، مىكروسكوپ ئارقىلىق ئاران كۆرگىلى بولىدىغان، توملۇقى چاچنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدىغان قىل قان تومۇرلارنى ئۇلىدۇق. بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش بولدى.

3. بارماق كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى

ۋاڭ يوڭجۈن بولسا جۇڭگودىكى ئۆي جاھازلىرى كەسپىنى قىلىدىغان بىر ئىشچى. ئۇ بىر قېتىملىق خىزمەتتىكى ۋەقەدە بىر بارمىقىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۈزۈلۈپ كەتكەن بارماقنى قايتا تىكىپ قويسىلا بولاتتى. لېكىن ۋاڭ يوڭجۈننىڭ بارمىقى ئۈزۈلۈپ كېتىپلا قالماي، پۈتۈنلەي پارچە پارچە بولۇپ ئۇۋۇلۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار ۋاڭ يوڭجۈننىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇنىڭ قول بارمىقىنى ئاشقازاننىڭ سىرتىدىكى تېرىگە ئۇلاپ تىكىپ قويدى. بۇ قارىماققا ناھايىتى غەلىتە ئاڭلىنىدۇ. لېكىن بۇ ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، يەنە ئاز مەزگىلدىن كېيىن ۋاڭ يۇڭجۈنگە يېڭىدىن بارماق ئۆسۈپ چىقىدۇ.

4. يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى

2011-يىلى، سانتىياگودىكى Tyson Smith ئىسىملىك بىر ئەر يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى. ئۇنىڭ ئەسلىدىكى يۈرىكى ئورنىدا ئەمەس بولۇپ، ناھايىتى ئاجىز ئىكەن. دوختۇرلار ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئاجىزراق بولغان يۈرىكىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا يەنە بىر يۈرەك كۆچۈرگەن. بۇ ئىككى يۈرەك Smith ئەپەندىنىڭ ھاياتىنى ئاز دېگەندە 10 يىل ئۇزارتقان. ھازىر بۇ ئەرنىڭ ئىككى يۈرىكى تەڭ سوقۇپ، ئۇنىڭ بەدىنى قان بىلەن تەمىنلەيدىكەن.


5. بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى

2014-يىلى، كۆچۈرۈلگەن بالىياتقۇ ئارقىلىق تۇغۇلغان تۇنجى بوۋاق شىۋېتسىيەدە دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئەسلىدە بۇ ئانىنىڭ بالىياتقۇسى يوق بولۇپ، بىر يىل ئاۋۋال بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغان. بۇ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بالىلىق بولۇش ئىستىكى يالقۇنجىغان. ھەر 7000 نەپەر ئايال ئىچىدە تەخمىنەن بىرسىنىڭ تۇغما بالىياتقۇسى يوق كېلىدۇ ياكى ھەرخىل بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى تۈپەيلىدىن بالىياتقۇسىنى كەستۈرۈۋېتىدۇ. تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى، داڭلىق پىروفېسسور Mats Brannstrom بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز 10 نەچچە يىل ھايۋاناتلار ئۈستىدە ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى مەشىقلەندۈردۇق. بىز مۇشۇ ئارقىلىق يەر شارىدىكى بالىياتقۇسى بولماسلىق سەۋەبىدىن تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن خانىم قىزلارنى بالىلىق بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. شۇنداقتىمۇ تېببىي ئىلىم بۇ ئوپېراتسىيەگە يەنىلا بىر خىل مۈجمەل قاراشتا. چۈنكى بۇ جەرياندا بالىياتقۇنى يەكلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن مەزگىل دورا ئىستېمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ دورىنىڭ ئەلۋەتتە ناھايىتى زور ئەكس تەسىرى بار.


6. بالىياتقۇ ئىچىدىكى ئوپېراتسىيە

باش سۈيى پەردىسى بەلباغسىمان سىندرومىنىڭ تەسىرىدىن ھامىلە ۋاقتىدىكى Leah غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. ئەگەر ئۇ تۇغۇلسا چوقۇم، تۇغۇلۇشى بىلەنلا پۇتى يوق تۇغۇلاتتى. لېكىن ئاۋسترالىيەلىك بىر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بالىياتقۇ ئىچىدە ئوپېراتسىيە قىلىپ Leah نى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاپىسى ھامىلىدار بولغىنىغا 22 ھەپتە بولغان بولۇپ، بۇ ئوپېراتسىيەنى قىلغاندىن كېيىن Leah چوڭ بولغاندا ئاندىن نورمال يول ماڭالايدۇ.

7. باش كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى

2017-يىلى تۇنجى قېتىملىق باش كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى پىلانلانماقتا. ئىنسانىيەت تارىخىدا تېخى باش كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىپ باقمىغان. لېكىن رۇسىيەلىك بىمار Valery Spiridinov غەلىتە بىر خىل Werdnig Hoffman ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى تۈپەيلىدىن، مۇسكۇللىرى يىگىلەپ پەقەت چاقلىق ئورۇندۇقتىلا ياشىيالايدۇ. ئۇ ئۆزى رازى بولۇپ، باش كۆتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. دوختۇرلارنىڭ پىلانىچە بولغاندا ئۇنىڭ بېشى باشقا بىر بەدەنگە كۆچۈرۈلىدۇ. گەرچە ئىتالىيەلىك تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى Sergio Canavero بۇ ئوپېراتسىيەنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن تېببىي ساھەدىكىلەر ھازىرغىچە بۇ ئوپېراتسىيەگە گۇمانىي قاراشتا تۇرۇۋاتىدۇ.

20160712174239609.jpg
129136936_14682781834061n.jpg
4437e68d893a18ed45b805.jpg
1.jpg
7427ea1214de18ed63a309.jpg