ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى تېرېسا مېينى ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىدى
0
2016-07-14 13:52:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 13-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، تېرېسا مېي بىلەن كامېرون ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئايال پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن رەسمىي ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ۋە تاپشۇرۇۋېلىپ، تېرېسا مېي ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بولۇپ قالدى، ئۇ ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت II تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدىكى 13-باش ۋەزىر، شۇنداقلا ساچېر خانىمدىن كېيىنكى 2-ئايال باش ۋەزىر بولۇپ قالدى.

كامېرون ئەنگلىيە پۇقرالار ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش تەرەپدارلىرى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن شۇ ھامان ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېڭى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرىنى 10-ئايدا سايلاپ چىقىش مۆلچەرلەنگەن، بىراق باشقا ماجرالار كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىۋەرگەچكە چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقتىن، تېرېسا مېي مۇددەتتىن بۇرۇن غەلىبە قىلغان. ئارقىدىنلا كامېرون 13-ئىيۇل ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پارلامېنت مۇنازىرىسىنى تاماملاپ بولۇپ، ئايال پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن رەسمىي ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

129143045_14684146138951n.jpg
未标题-1.jpg
20160712174239609.jpg
129136936_14682781834061n.jpg