جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى ئىچىلدى
0
2016-11-26 13:55:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

11-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەندىن كەلگەن ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ھەر مىللەت زاتلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 372 كىشى يىغىنغا قاتناشتى. مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجوڭ، دۆلەتلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتوڭ تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ۋاڭ زوئەن مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ گوچېڭجېنىڭ 9-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا 2011-يىلىدىن بۇيان ئاساسلىق خىزمەتلەر ۋە تەجرىبە ساۋاقلار خۇلاسىلەندى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل داۋامىدا ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرگە نەزەر سېلىندى.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىشخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى جەمئىيىتى ۋەتەننى سۆيۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مايىنلىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداش دىنى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-قۇرۇلتاي 3-5-6-ئومۇمي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگو ئىسلام دىنى 9-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، كەلگۈسى بەش يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاشتىن ئىبارەت.

مەزكۇر يىغىن ئۈچ كۈن  داۋاملىشىدۇ. ۋەكىللەر جۇڭگو ئىسلام دىنى 9-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى بىلەن "جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللايدۇ. جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-نۆۋەتلىك ھەيئىتى بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى سايلاپ چىقىدۇ.

7427ea1214de19a1e64729.jpg
7427ea1214de19a1f3f53c.jpg
20161125083903782.jpg
20161123234029477.jpg
90fba609107a199f4a0114.jpg